ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ھەممە يەردە داڭقى بار؛ نامى يېراق-يېقىنغا تارقالماق.
ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت.
ھەممە يەرنى ئاھ-زار قاپلىماق، داد-پەرياد كۆتۈرمەك.
ھەممە يەرنى باھار مەنزىرىسى قاپلىماق.
ھەممە يەرنى داد-پەرياد قاپلىماق.
ھەممە يەرنى قويماي ئاختۇرماق؛ ئاختۇرۇپ ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋەتمەك.
ھەممەيلەن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتمەك.
ھەممىدىن بىزار بولماق؛ جاھاندىن جاق تويماق.
ھەممىدىن ئېشىپ چۈشمەك؛ ئۇنىڭدىن ياخشىسى يوق.
ھەممىدىن ياخشى چارە-كېتىش؛ قۇتۇلاي دېسەڭ تېز كەت.
ھەممىسى ئوپمۇ ئوخشاش؛ بىر قېلىپىتىن چىققاندەك؛ بىر ئەندىزە بويىچە ئىش قىلماق.
ھەممىگە ئايان؛ كۆپنىڭ كۆزى روشەن.
ھەممىگە ئايان؛ ھەممە خەۋەردار؛ ھەممە بىلىدىغان.
ھەممىگە ئايان؛ ئوپئۇچۇق؛ ناھايتى ئېنىق؛ ئىنتايىن روشەن؛ ئوچۇق-ئاشكارا.
ھەممىگە بىر كۆزدە قارىماق؛ ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلماق؛ بىردەك مۇئامىلە قىلماق.
ھەممىگە شىپا دورا؛ ھەممە ئىشقا باب كېلىدىغان ئۇسۇل.
ھەممىگە قابىل؛ قولىدىن ھەممە ئىش كېلىدىغان؛ بىڭسى چوڭ.
ھەممىلا گۈل قاپلىماق؛ھەممە يەردە مەيدانغا كەلمەك.
ھەممىلا يەردە بار؛ ھەممىلا يەردە مەۋجۇت.