ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ھەر ھۈنەرنىڭ باردۇر ئاقىدىغان يېرى، ھەر ھۈنەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇستىسى-پىرى.
ھەرىدىن قورقمىغان ئادەم ھەسەل يېيەلەيدۇ.
ھەر ئىشنى بېشىدىن باشلا، تەربىيىنى كىچىك چېغىدىن.
ھەر ئىشنىڭ بېشى تەس.
ھەرىكەتتە بەرىكەت.
ھەرىكەتسىز سۇدا قۇرت كۆپ بولۇر، ھەرىكەتسىز ئادەمدە كېسەل كۆپ بولۇر.
ھەر ئىككى تەرەپ زىيانغا ئۇچرىماق؛ ئۇرۇشقان ئىككى تەرەپ تەڭ زىيانغا ئۇچرىماق.
ھەر ئىككىسىگە ئىگە بولماق؛ بىر ۋاقىتتا ھەر ئىككى ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارماق.
ھەرىنىڭ چاققىنىغا چىدىغان ئادەم ھەسەل ئالالايدۇ.
ھەرىنىڭ ھەسىلىمۇ بار، زەھىرىمۇ بار.
ھەريەرنىڭ شارائىتىغا بېقىپ ئىش كۆرمەك؛ ھەر يەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا يارىشا ئىش قىلماق.
ھەر يەرنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكى بار؛ ھەر كىمنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقى بار.
ھەر يەر-ھەر يەردىن كەلگەنلەر بىللە ياشاۋاتقان جاي.
ھەريەر-ھەريەر؛ ھەرقايسى جايلار.
ھەسەلنى كۆپ يېسە ئەمەن تېتىيدۇ.
ھەسەلىنى كۆپ يېسە ئەمەن تېتىيدۇ.
ھەسرەتلىنىپ ئاھ ئۇرماق.
ھەسىنكام ئاچچىق، ئامۇتى تاتلىق.
ھەشەمەتلىك ساراي؛ كاتتا ئىمارەت.
ھەشەمەتلىك سۆزلەر بىلەن پوپۇزا قىلماق؛ چوڭ شۇئارلانى دەستەك قىلىۋېلىپ، باشقىلارغا ھەيۋە قىلماق.