ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ھەشەمەتلىك كىيىم؛ پۇزۇر كىيىم-كېچەك.
ھەشەمەتلىك ھۆججەت (ماقالە)؛ قۇرۇق رەسمىيەتچىلىك.
ھەشەمەتلىك ۋە ھەيۋەتلىك.
ھەش-پەش دېگۈچە؛ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە.
ھەش-پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كەتمەك؛ غىل-پال كۆرۈنۈپ قويۇپ، يوقاپ كەتمەك؛ ئاسانلا غايىپ بولۇپ كەتمەك.
ھەش-پەش دېگۈچە يېزىپ بولماق؛ كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچە قولدىن چىقارماق.
ھەققانىيەت يولىدا جەڭ قىلغان قوشۇن جەڭگىۋار كېلىدۇ.
ھەققانىيەت يولىدا مەردانىلىك بىلەن قۇربان بولماق.
ھەققانىيەت يولىدا مەردلىك قىلماق؛ مەردانىلىك بىلەن؛ ھەق يولىدا مەردانە تۇرماق.
ھەققانىيەت يولىدا ئۆزىنى قۇربان قىلماق.
ھەققانىيەت يولىدىن قايتماسلىق؛ ھەق يولدىن قايتماسلىق.
ھەققانىيە يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتمەك.
ھەققانىي ۋە كۈچلۈك سۆزلەر؛ يوللۇق ۋە قەتئىي سۆزلەر.
ھەقلىق ئىش؛ تېگىشلىك ئىش؛ ئۇرۇنلۇق ئىش.
ھەق-ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋەتمەك؛ ھەقنى ناھەق، ناھەقنى ھەق دېمەك.
ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىماق؛ ھەق بىلەن ناھەقنى ئېنىق پەرق ئەتمەك.
ھەقنى ناھەق، ناھەقنى ھەق دېمەك؛ ھەق ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتمەك؛ ھەق بىلەن ناھەقنى ئالماشتۇرۇپ قويماق.
ھەق ئىشنى باش تارتماي ئادا قىلماق؛ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشتىن باش تارتماسلىق.
ھەقىقەت سۇنماس، يالغان يالجىماس.
ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىمەك؛ راستچىللىق بىلەن ئىش قىلماق؛ ئەمەلىيەتكە قاراپ ئىش كۆرمەك.