ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ھەقىقەت يولىدا جېنىنى پىدا قىلماق؛ ھەقىقەت ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلماق.
ھەقىقىي ئالتۇن كۈچلۈك ئوتتا بىلىنەر (ئادەمنىڭ ھەل قىلغۇچ پەيتتە سىنىلىدىغانلىقىغا تەمسىل قىلىنىدۇ).
ھەقىقىي ئەھۋال ئاشكارىلانماق؛ ھەقىقىي ئەھۋال ئايدىڭلاشماق؛ سىر ئېچىلماق.
ھەقىقىي دەلىل-ئىسپات؛ ئىشەنچلىك دەلىل-ئىسپات.
ھەل قىلغۇچ؛ ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان؛ ، مۇھىم ئورۇندا تۇرماق.
ھەل قىلىنماي تۇرۇپ قالماق؛ ھەل بولماي تۇرۇپ قالماق؛ ھەل قىلماي تاشلاپ قويماق.
ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولماق.
ھەم چىرايلىق؛ ھەم ئەقىل-پاراسەتلىك؛ ھەم گۈزەل، ھەم چېۋەر.
ھەمدەم بولۇشماق؛ ئۆزئارا ياردەملەشمەك.
ھەم قەلەم، ھەم ئەلەم ئەھلى؛ قەلەمدىمۇ-ئەلەمدىمۇ كامالەتكە يەتمەك.
ھەم قىزىللاشقان، ھەم ئختىساسلاشقان؛ ھەم قىزىل ھەم ئىختىساسلىق بولماق
ھەممە ئادەم ئاپىرىن ئوقۇماق؛ ھەممە ئادەم ماختىماق؛ ھەممە كىشى ياخشى تەرىپىنى قىلماق.
ھەممە ئادەم بىلىدىغان؛ ھەممىگە ئايان.
ھەممە ئادەم قوزغىلىپ كەتمەك؛ كوچا-كوچىلار تەنتەنىگە چۆممەك.
ھەممە ئادەم نەپرەتلىنىدىغان.
ھەممە ئارزۇ-ئارمان يوققا چىقماق؛ قاتتىق مەيۈسلەنمەك.
ھەممە ئائىلىنى خەۋەردا قىلماق. ھەممە ئادەم خەۋەردار بولماق.
ھەممە ئەندىشىدە قالماق؛ ھەممە ئادەم تەشۋىشكە چۈشمەك.