ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
نەرسىلەر ئۆز خىلىنى تاپىدۇ، ئادەملەر ئۆز قاياشىنى؛ مال تۈرى بىلەن، ئادەم خىلى بىلەن.
نەرسىنى كۆرۈپ، ئادەمنى كۆرمەسلىك.
نەرسىنى كۆرۈپ، ئىگىسىنى ئەسلىمەك؛ مىراس قالغان نەرسىنى كۆرۈپ ئۆزىنى ياد ئەتمەك.
نەرسىنى ئىگىسىگە ساق-سالامەت قايتۇرماق.
نەزەر دائىرسى تار؛ بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەك.
نەزەر دائىرسى كېڭەيمەك؛ كۆزى ئېچىلماق.
نەزەرگە ئېلىندىم دەپ ھوشىنى يوقىتىپ قويماق.
نەزەرىيىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلماق.
نەزىرى تارلىق؛ كالتە پەملىك.
نەزىرى ئۈستۈن، نەرخى پەس.
نەسلى-ۋەسلىنى قويماق قۇرۇتماق.
نەسىل-نەسەبتە تەڭ؛ بىر-بىرىگە لايىق.
نەسىھەتنى رەت قىلىپ؛ خاتالىقنى ياپماق؛ كەمچىلىكنى يوشۇرۇپ، نەتقىدنى قوبۇل قىلماسلىق.
نەشتەردەك سانچىماق؛ ئاچچىق سۆزلەر بىلەن تەھلىكە سالماق.
نەغمە-ناۋا، تەنگە داۋا.
نەگە بېرىپ، نەدە تۇرۇشىنى ئۆزى تاللىماق؛ قانداق قىلىشىنى ئۆزى تاللىۋالماق.
نەگىلا قارىساڭ شۇ؛ ھەممىلا يەردە كۆزگە چېلىقىپ تۇرماق؛ ساينىڭ تېشىدەك كۆپ.
نوقسانسىز؛ پاك.
نومۇسسىزلىق بىلەن خۇشامەت قىلماق؛ كۆتۈرمىچىلىك قىلماق؛ تەخسىكەشكەلىك قىلماق.
نۇر چاقناپ تۇرماق؛ يالتىراپ تۇرماق.