ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
مېۋىسىدىن ۋاز كەچسەك كەچكىنكى، دەرىخىدىن ۋاز كەچمە.
مېۋىلىك دەرەخ ئېگىلىپ تۇرىدۇ.
مېۋىلىك دەرەخ ئېگىلىپ تۇرىدۇ، مېۋىسىز دەرەخ گىدىيىپ.
مېۋىلىك دەرەخ ئېگىلىپ تۇرىدۇ، مېۋىسىز دەرەخ گىدىيىپ تۇرىدۇ.
مېۋىلىك دەرەخ ئىگىلىپ تۇرىدۇ، مېۋىسىز دەرەخ گىدىيىپ (تۇرىدۇ).
مىجەز-خاراكتېرگە ئايلىنىپ قالماق؛ خۇي-پەيلىگە ئايلىنىپ كەتمەك؛ ئادەتلىنىپ قالماق؛ كۆنۈپ قالماق.
مىجەزى بىر يەردىن چىقماق؛ ئوي-خيالى بىر يەردىن چىقماق؛ خۇي پەيلى ئوخشاش بولماق؛ ھەر كىم ئۆز خىلىنى تاپىدۇ؛ ھاپىتىغا شاپىتى. توڭرىلىققا مەرەزدان؛ بىلىشمىگۈچە تېپىشماس.
مىجەزى تۇراقلىق ئەمەس؛ بىردەم ئېچىلىپ، بىردەم تۇتۇلۇپ قالماق.
مىسقاللاپ-سەرلەپ يىغماق؛ ئاز-ئازدىن يىغىپ توپلىماق.
مىسلى كۆرۈلمىگەن؛ ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان.
مىسىلداپ يۈرۈپ ۋاق قالماق؛ كېچىكىپ قالماق.
مىش-مىش گەپ؛ ئەپقاچتى گەپ.
مىغ-مىغ؛ تىقما-تىقما؛ قىستا-قىستاڭ؛ پۇت قويغۇدەك ئورۇن بولماسلىق.
مىڭ ئادەممۇ تەڭ كېلەلمەيدىغان پالۋان.
مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا.
مىڭبىر جاپا بىلەن قۇرۇپ چىماق؛ باش قاتۇرۇپ باشقۇرماق؛ پۈتۈن ئەس-يادى بىلەن ئىشلىمەك.
مىڭ بىر جاپا-مۇشەققەت؛ تۈرلۈك جەبىر-جاپا.
مىڭ پاتمان يۈك؛ زور مەسئۇلىيەت؛ ئېغىر ۋەزىپە.
مىڭ قېتىم كۆرگەندىن بىر قېتىم ئىشلەپ باققان ئەلا.