ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن؛ مىليونلىغان؛ ھەددى-ھېسابسىز؛ سان-ساناقسىز.
مىڭ ئويلاپ قالغان ئىشتىنمۇ كاۋاك چىقىپ قالىدۇ.
مىڭ ئويلاپمۇ تېگىگە يېتەلمەسلىك؛ ئەقىل يەتمەسلىك.
مىڭ ئۇستىدا مىڭ چارە.
مىڭ ئۆلۈپ بىر تىرىلمەك؛ ھاينىغا قالغان جان.
مىلتىقنى تاشلاپ، كەتمەن ئالماق؛ ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ، دېھقان بولماق.
مىلتىقىسز يۈرگەنگە كېيىك ئۇچراپتۇ.
مىننەتدار بولۇپ، كۆزىگە ياش ئالماق.
مىنۇت-سېكونتنى قولدىن بەرمەسلىك.
مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەسلىك.
مىنىتۇغا مىڭ ئۆزگىرىپ تۇرماق؛ تېز ئۆزگىرىپ تۇرماق.
مىيىقىدا كۈلۈپلا قويماق؛ پسەنت قىلماسلىق؛ پىسەنتكە ئالماسلىق؛ بىر كۈلۈپلا ئۆتكۈزۈۋەتمەك.
ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتمەك.
ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىماق؛ تەنتەنە قىلماق.
ناخشىسى قۇلاقتىن كەتمەسلىك؛ ئاۋازى قۇلاقتىن كەتمەسلىك.
نادان توشقاننىڭ ئۇۋىسى ئۈچ.
نادانغا بىر ئېغىز سۆزمۇ ئارتۇق.
نادانغا ئېيتقان ئىسىت سۆزۈم، ئۆلۈككە يىغلىغان ئىست كۆزۈم.
نادان؛ گالۋاڭ؛ بىلىمسىز؛ غەرەز ئۇقمايدىغان.
نادانلىق؛ بىلىمسىزلىك.