ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئەمەس. ئىرادىگە باغلىق.
مۆتىۋەر زاتلار؛ ئېتىبارلىق زاتلار؛ تۆھپىكارلار .
مۈدۈرمەس ئات بولماس، ئازماس ئادەم.
مۈدۈرمەيدىغان ئات يوق، سەۋەبلىك ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم.
مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا باسماق.
مۈشۈك بىلەن چاشقان بىر يەردە ئۇخلىماس.
مۈشۈك بىلەن چاشقان بىللە يۈرمەك؛ ئوغرى بىلەن جېسەكچىنىڭ يولى بىر.
مۈشۈك چۈشىدىمۇ چاشقان كۆرەر.
مۈشۈككە قاراپ يولۋاس سىزماق؛ دورامچىلىق قىلماق؛ تەقلىدچىلىك قىلماق.
مۈشۈك يوق چاغدا چاشقان كۆرەڭلەپتۇ.
مۈڭگۈزىگە ئۇرسا، تۇيىقى سىرقىراپتۇ.
مېلى ساز، پۇلى ئاز؛ مېلى سۈپەتلىك، باھاسى ئادىل. سېپى ئۆزىدىن؛ چىن مەنىدىكى .
مېھمان بولاي دېسەڭ مېھمان قىل.
مېھمان خەقنىڭ ئۆيىگە خوجايىن بولۇۋالماق؛ تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلىماق.
مېھمان ساھىبخان بولۇۋاپتۇ؛ تالا مۈشۈگى ئۆي مۈشۈگىنى قوغلاپ چىقىرىپتۇ.
مېھماننىڭ تولا كېلىشىنى مېھماندوستلۇقىڭدىن كۆر.
مېھماننىڭ ئىززىتىنى قىلدىن ئىنىچكە.
مېھمان ھاما بىر كۈنى خوشلىشار.
مېھمان ئۈچۈن ئوچۇق چىراي نازۇ نېمەتتۇر.