ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
نادانلىقتا ئۇچىغا چىقماق؛ ئۇچىغا چىققان ئەخمەقلىق.
نازاكەتلىك؛ ئەدەپلىك؛ سىپايە.
نازاكەتلىك؛ لاتاپەتلىك؛ ئەدەپ-قائىدىلىك.
نازلانماق؛ كۈچۈكلەنمەك؛ غىلجىڭلىماق.
نازلانماق؛ نايناقلىماق. ئەزمىلىك قىلماق؛ تارتىنچاقلىق قىلماق؛
نازۇ كەرەشمە قىلىشماق؛ يوشۇرۇن كۆزقىسىشماق (ئۆز-ئارا تىل بىرىكتۈرۈشكە تەمسىل قىلىنىدۇ).
نازىنىن؛ ساھىبجامال؛ ئايدەك گۈزەل؛ گۈل سۈپەت نازىنىن.
نامازشامدىن قېچىپ تاراۋىغا تۇتۇلۇپتۇ.
نامرات بولسا تۇغقانمۇ يات بولۇۋالىدۇ، باي بولسا ياتمۇ تۇقغانلىق بولۇۋالىدۇ.
نامراتلىشاي دېسەك كۈن چۈش بولغۇچە ئۇخلا.
نامراتلىشىپ شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتمەك.
نامراتلىقتىن چۈشكۈنلەشمەك؛ نامراتلىقتىن مىسكىنلىشىپ كەتمەك.
نامراتلىقتىن قورقما، پاراسەتسىزلىكىڭدىن قورق.
نامرات يۇرتتىن ئالىم چىقار.
نام-شۆھرەتكە بېرىلمەك.
نام-مەنپەئەت ئاسارىتىگە چۈشۈپ قالماق؛قۇرۇق نام-ئاتاققا باغلىنىپ قالماق.
نام-مەنپەئەتكە مەپتۇن بولماق؛ نام مەنپەئەتنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتمەك.
نام-نىشانى كۆمۈلۈپ قالماق؛ ئىز-دېرەكسىز يوقالماق.
نام-نىشانى يوق ئادەم؛ ئانچىكى بىر ئادەم؛ ئەرزىمەس ئادم؛ ئېتبارسىز ئادەم.
نامى بىكار چىقماپتىكەن؛ تەرىپلىگۈچىلىكى بار.