ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
نامى تارالماق؛ نامى پۇر كەتمەك؛ نامى بار.
نامى چىقمىغان؛ تونۇلمىغان؛ بېشىنى كۆتۈرمەي؛ ئۈن-تۈنسىز.
نامىغىمۇ، مەنپەئەتكىمۇ ئېرىشمەك؛ ناممۇ بولسۇن، مەنپەئەتمۇ بولسۇن.
نامى مەڭگۈ ساقلانماق؛ نامى ئەبەدكە ئۆچمەسلىك.
نامى مەڭگۈ ئۆچمەسلىك؛ مەڭگۈ ھايات؛ ئەبەدىلئەبەد ياشايدۇ.
نامى مەڭگۈ ئۆچمەسلىك؛ نامى ئەبەدكە ساقلانماق.
نان قېپى؛ ھارام تاماق؛ بىكار تەلەپ.
ناننىڭ سۈرىتىگە قاراپ ئاچلىقنى قاندۇرماق؛ ئاغزىنى تاتلىق قىلماق.
نان يېمەك ئاسان، ئىش قىلماق تەس.
ناھايتى تېز ئوقۇپ چىقماق؛ بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپلا ئوقۇپ بولماق.
ناھايىتى تېز؛ چاققان؛ ئوقتەك.
ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتمەك؛ خۇشاللىقتىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتمەك؛ خۇشاللىقتىن تېرىسىگە پاتماي قالماق.
ناھايىتى قەددى-قاماتلىك؛ كاتتا سالاپەتلىك.
ناھايىتى كاتتا ھەرىكەت؛ دانا تەدبىر.
ناھايىتى ئورۇنلۇق؛ ناھايىتى جايىدا؛ تولىمۇ رەتلىك.
ناھايىتى ئىشەنچىلىك؛ ئىشەنچ كامىل بولماق.
ناھايىتى يېقىن؛ ئارىلىق بەك يېقىن.