ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
مەمەدانلىق قىلماق؛ گەپ ساتماق؛ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىمەك.
مەملىكەت زېمىنىنىڭ يېرىمى؛ تېرىتورىينىڭ يېرىنى تۈگەپ يېرىمى قالماق
مەمنۇن بولۇپ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتمەك؛ خۇشاللىقتا كۆڭلى يايراپ كەتمەك.
مەنبەسىز سۇ، يىلتىزسىز دەرەخ.
مەنپەئەتنى دەپ ئەقلىدىن ئازماق؛ مەنپەئەتنى دەپ ئېسىنى يوقاتماق؛ ئاش كەلسە ئىمان قېچىپتۇ.
مەنپەئەتى دەپ ۋىجدان سېتىپتۇ، ئاش كەلسە ئىمان قېچىپتۇ.
مەنزىرىلىك جايلارنى ساياھەت قىلماق؛ ئويۇن-تاماشا قىلماق؛ سەيلە-ساياھەت قىلماق.
مەنسەپ دېسە قىزىقما، پۇل ئالدىدا ئېزىقما.
مەنسەپ دېمەك پۇل دېمەك، بايلىق دېمەك كۈچ دېمەك.
مەنسەپكە چىقىشنىڭ ئەڭ ئەپلىك يولى
مەنسەپ ۋەدە قىلماق؛ ئەمەل بېرىشنى ۋەدە قىلماق؛ بۆكىگە جىگدە سالماق.
مەنسىپى تىز ئۆرلىمەك؛ ئامىتى كىلىپ تېز ئۆسمەك.
مەنمەنلىك قىلماق؛ ئۆز گېپىنى يورغىلاتماق؛ مېنىڭ راست دەپ تۇرۇۋالماق.
مەن ھېلىھەم بۇرۇنقىدەكلا؛ بۇرۇن قانداق بولسام، ھېلىمۇ شۇنداق.
مەنىسى چوڭقۇر؛ چوڭقۇر مەنلىك.
مەنىسى چوڭقۇر، سۆزلىرى چۈشىنىشلىك؛ چوڭقۇر مەزمۇننى ئاممىبباب سۆزلەر بىلەن بايان قىلماق.
مەنىسىز ياشىماق؛ بىمەنە تۇرمۇش كەچۈرمەك؛ ھاياتىنى ئەھمىيەتسىز ئۆتكۈزمەك.
مەھەللىگە ئوت كەتسە، دۆڭگە چىقىپ تاماشا كۆرۈپتۇ؛ چەتتە تۇرۇپ تاماشا كۆرمەك.