ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
مۇڭلۇق ناخشا ئېيتىپ. لەرزان ئۇسسۇل ئوينىماق؛ شوخ ناخشا-لەرزان ئۇسسۇل.
مۇڭلۇق ناخشىنىڭ تارقىلىشى تېز بولۇر.
مۇڭلۇق ھەم يېقىملىق؛ لاتاپەتلىك ۋە تەسىرلىك.
مۇلايىم، رەھىمدىل، ئەدەپلىك، ئاددىي-ساددا ۋە كەمتەر.
مۇلايىملىق بىلەن؛ پەس ئاۋازدا؛ كىچىك پېئىللىك بىلەن.
مۇلايىملىق؛ سىلىق-سىپايىلىق؛ مېھرى ئىسسىقلىق.
مۇنازىرە تەلەپ قويمايدىغان؛ رەت قىلغىلى بولمايدىغان.
مۇنازىرە تەلپ قىلمايدىغان؛ قىل سىغمايدىغان؛ شەك-شۆبھىسىز.
مۇناسىپ بولماق؛ لايىق بولماق؛ھەقلىق بولماق.
مۇناسىۋەتسىز ئىككى ئىشنى زورمۇزور باغلاپ قويماق.
مۇناسىۋەت ئۈزۈلسىمۇ رىشتە ئۈزۈلمەسلىك؛ رىشتە تىلدا ئۈزۈلگەن بىلەن دىلدا ساقلانماق.
مۇھاسىرە ئىچىدە قالماق؛ ئالدى-كەينىدىن زەربە بەرمەك
مۇھەببەت ئۆلۈمىنىمۇ يېڭەر.
مۇھەببەت ۋە نەپرەت ئېنىق بولماق.
مۇھىم ئەمەس؛ ئەرزىمەس؛ ئۇششاق چۈششەك.
مۇھىم نوقتىنى ئىگىلىيەلمەسلىك؛ ئېپىنى بىلەلمەسلىك؛ ئىشنىڭ كۆزىنى تاپالماسلىق؛ ئىش ھەركەتنىڭ تىلىنى بىلەلمەسلىك.
مۇھىمى پۈتسە، قالغانلىرىمۇ پۈتىدۇ؛ ئاساسلىقى ھەل قىلىنسا، قالغانلىرىمۇ ئۆزلۈكىدىن ھەل بولۇپ كېتىدۇ.
مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلماق.
مۇۋاپىق دەرىجىگە يەتكەندە توختىماق؛ ئۆز لايىقىدا بولماق؛ چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىك.
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياشقا باغلىق بولماس.