ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
مۇزدا ماڭساڭ تېز ماڭ، لايدا ماڭساڭ ئاستا(ماڭ).
مۇز ئېرىپ، قار كەتمەك؛ بىتچىت بولماق.
مۇساپىنىڭ يىراقلىقىدىن قورقما، ئىرادەڭنىڭ ئاجىزلىقىدىن قورق.
مۇستەقىل، ئۆزىگە-ئۆزى خوجا بولماق؛ ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتماق.
مۇستەھكەم؛ پۇختا؛ چىڭ.
مۇستەھكەم تۈۋرۈك؛ مۇستەھكەم تىرەك.
مۇستەھكەم قەلئە؛ پولاتتەك قورغان.
مۇشەققەتسىز ھۈنەر بولماس.
مۇشەققەتلىك؛ جاپالىق؛ قىيىن.
مۇشتۇمزورلارنى يوقىتىپ، ئاجىزلارنى يۆلىمەك.
مۇشتۇمزورلارنى يوقىتىپ، پۇقرالارنى ئارام تاپقۇزماق؛ زالىملارنى يوقىتىپ، خەلقنى خاتىرجەم قىلماق.
مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولسا؛ مۇشۇ ھالدا داۋام قىلىۋەرسە.
مۇقامدا يوق؛ قاملاشمىغان؛ قائىدە-تۇسۇنغا سىغمايدىغان؛ ئەدەپسىزلىك.
مۇقامغا چۈشمەيدىغان؛ مۇقامدا يوق.
مۇقەررەر يول؛ بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يول.
مۇكاپاتلاشنىمۇ، جازالاشتىمۇ ئادىل بولماق؛ مۇكاپاتلاشقا تېگىشلىكنى مۇكاپاتلاپ، جازالاشقا تېگىشلىكنى جازالىماق.
مۇكەممەل بولۇشنى تەلەپ قىلماق؛ توققۇزى تەل بولسىكەن دېمەك.
مۇكەممەل بىلىم ھاسىل قىلىش تىرىشىپ ئۆگىنىشكە باغلىق؛ ئىلم-بىلىمدە كامالەتكە يېتىش تىرىشچانلىققا باغلىق؛ ئىلىم ئىجتىھاتتىن كېلىدۇ.
مۇكەممەل؛ تولۇق؛ كامالەتكە يەتكەن؛ قۇسۇرسىز.
مۇكەممەل ۋە تولۇق؛ كامالەتكە يەتمەك؛ نۇقسانسىز.