ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
مەينەتنى چىۋىن باسىدۇ، ھۇرۇننى كېسەل.
مەيۈسلەنمەك؛ كۆڭلى يېرىم بولماق؛ كۆڭلى بىئارام بولماق.
مەيۈسلەنمەك؛ ئۈمىدسىزلەنمەك.
مەيىن شامال، ئىللىق ئاپتاپ .
مڭ كۈن يارغان ئوتۇننى بىر كۈن قالاپ تۈگىتىپتۇ.
مورا ئىچىدىن ئاق مۈشۈك چىقماس.
موللا كۆپ بولسا، قوي ھارام ئۆلەر.
موللا كۆپ يەردە قوي ھارام بوپتۇ.
موما تىكىلگەن ھامان، سايىسى چۈشەر؛ دەرھال ئۈنۈم ھاسىل قىلماق؛ تېز ئۈنۈم بەرمەك.
مۇئەللەق راۋاق؛ قۇرۇق نەرسە؛ قۇرۇق پىلان؛ قۇرۇق خىيال.
مۇبالىغە قىلماق؛ ئاشۇرۇۋەتمەك.
مۇبالىغە قىلماق؛ گەپنى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتمەك.
مۇتلەق توغرا؛ پۈتۈنلەي توغرا؛ ھەق راست؛ تامامەن راست؛ قىل سىغمايدۇ.
مۇتلەق توغرا؛ شەك-شۆبھىسىز؛ ھەقلىق؛ قىل سىغمايدىغان.
مۇتلەق چىقىشالماسلىق؛ زادىلا سېغىشالماسلىق.
مۇخلىسلىرىنى ئەتراپىغا توپلاپ ئەسكىلىك قىلماق؛ ھەمنەپەسلىرىنى ئەتراپىغا توپلاپ ئەسكىلىك قىلماق.
مۇراد-مەقسەتكە يېتەلمەسلىك؛ ئۇلۇغ ئىرادە ئەمەلگە ئاشماي قالماق.
مۇرەسسە-مادارا يولى؛ خالىسلىق يولى؛ بىتەرەپلىك يولى.
مۇزاكىرە قىلماي قويۇپ تۇرماق.
مۇز بىلەن چوغ سىغىشالمايدۇ؛ ئوت بىلەن سۇ سىغىشالمايدۇ.