ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
گۈزەل ئىستىقبال؛ شانلىق ئىستىقبال.
گۈل بولسىلا پۇرىقى چىقار.
گۈل تازا ئېچىلىپ، دەل-دەرەخلەر بۈك-باراقسان بولۇپ كەتمەك.
گۈلدەك چىرايلىق؛ چىرايلىق ياسانماق؛ گۈلدەك ياسانماق.
گۈلدۈرى بار، يامغۇرى ئاز؛ گۈلدۈرى بار، يامغۇرى-يوق؛ داۋرىڭى چوڭ، نەتىجىسى كىچىك.
گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق.
گۈلزاردەك چىرايلىق مەنزىرە؛ گۈلدەك چىرايلىق.
گۈل شېرنىلىك بولسا ھەرە كۆپ قونۇر، سۇ تاتلىق بولسا ئىچىدىغانلار كۆپ بولۇر
گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتمەك؛ ئاغزى قولقىغا يەتمەك.
گۈل كەلتۈرۈۋەتمەك؛ جانلىق ۋە كۆركەم (خەتنى چىرايلىق يېزىشقا قارىتىلىدۇ)
گۈل كۆپ بولسا پۇرىقى ھەممە يەنى ئالار.
گۈللەپ ياشنىماق؛ ئاۋاتلاشماق.
گۈللەپ ياشنىماق؛ گۈللەپ راۋاجلانماق؛ ئاۋاتلاشماق.
گۈلنى پۇرىماق ئاسان، تېرىماق تەس.
گۈلنىڭ گۈزەللىكى تېشىدا، ئادەمنىڭ گۈزەللىكى ئىچىدە.
گۈلنىڭ ئېچىلىشى باھارغا باغلىق.
گۈلنى ئېچىلدۈرۈشقا گۈلچى كېرەك.
گۈل ئۈزەي دېسەڭ تىكىنىدىن قورقما.
گۈل ئېچىلىدۇ قايتا-قايتا ۋە لېكىن، ياشلىق كەتسە كەلمەس ھەرگىز قايتىدىن.
گېپى بىر يەردىن چىقىپ قالماق؛ مەسلەھەتلىشىپ قويغاندەك.