ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
لەۋزىدە تۇرماسلىق؛ گىپىدىن تېنىۋالماق؛ گېپىدە تۇرماسلىق.
لەۋزىدە تۇرمىغان ئەركەك ئەمەس.
لەۋزىدىن يېنىۋالماق؛ ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق؛ گېپىدە تۇرماسلىق.
لولىلىق؛ قۇۋلۇق؛ ھىيلىگەرلىك .
لومنى سۈركەپ، يىڭنە قىپتۇ؛ تىرىشقان تاپار، تاشقا مىخ قاقار.
لۇبەن ئۇستامنىڭ ئالدىدا پالتىسىنى ئوينىتىپتۇ؛ ئۇستا ئالدىدا ئۇستاتلىق قىلماق؛ بىلەرمەنلىك قىلماق.
لۆمۈلدىمەك؛ قۇترىماق؛ باش كۆتۈرۈپ قالماق.
لىڭ تاسمىلىق قىلماق؛ ئەزمىلىك قىلماق؛ كەسكىن بولماسلىق.
لىڭشىپ قالغان تامنى كۆپچىلىك كېلىپ ئىتتىرىپتۇ؛ ھالىدىن كەتكەننى ھەممە ئادەم ئۇرۇپتۇ.
لىڭشىپ قالماق؛ تەۋرەپ قالماق؛ يىقىلىپ كېتەيلا دەپ قالماق.
لىڭشىپ قالماق؛ خەۋپلىك ئەھۋالدا قالماق.
لىڭگىر تاقتاقلىق قىلماق؛ كەسكىن بىر نېمە دېمەسلىك؛ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمەسلىك.
لىڭگىر تاقتا؛ مىكى-مىكى؛ تۇترۇقسىزلىق؛ پوزىتسىيە ئېنىق بولماسلىق.
لىللا گەپ.
لىللا گەپ قىلماق.
لىم بولغۇدەك ماتېرىيال؛ ياراملىق ئادەم؛ مۇھىم ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئادەم.
لياڭشەن تېغىغا چىقىشقا مەجبۇر بولماق؛ ئامالسىز قالماق؛ مەجبۇر بولماق.
ماتېرىيال تۈگەپ، ئىش توختاپ قالماق؛ ئىشنى توختىتىپ ماتېرىيال كۈتمەك.
ماتېرىيالنى ئۆز جايىدىن ئالماق؛ ئۆز يېرىدىن ماتېرىيال ئالماق.
ماجالسىز بولۇپ قالماسلىق؛ غەيرىتىدىن قالماسلىق؛ كۈچىدىن قالماسلىق؛ يەنىلا مادارى بولماق.