ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
گېپىدە تۇرماسلىق؛ لەۋزىدە تۇرماسلىق؛ گېپى گەپ بولماسلىق.
گېپىگىلا ئەمەس، ھەركىتىگە قارا؛ سۆزىنى ئاڭلا، ھەركىتىگە قارا؛
گېپىڭ يوللۇق بولسا خاندىن قورقما.
گېپىڭ يوللۇق بولسا، خاندىن قورقما.
گېپىمىز گەپ؛ ۋەدىمىز ۋەدە؛ لەۋزىدە تۇرماق.
گېلىدىن غىزا ئۆتمەسلىك؛ غەم-ئەندىشىدىن گېلىدىن غىزا ئۆتمەسلىك.
گىپىنى بىر قىلىۋالماق؛ تىل بىرىكتۈرمەك؛ ھەمنەپەس بولماق.
گىدىيىۋالماق؛ غادىيىۋالماق؛ مەيدىسىنى كېرىپ ماڭماق.
گىرەلىشىپ كەتمەك؛ بىر-بىرىگە كىرىشىپ كەتمەك.
لاتاپەتلىك؛ نازاكەتلىك؛ ئەدەپ-قائىدىلىك.
لاچىن قاراپ تاپىدۇ، تۈلكە ماراپ، بۆرە پۇراپ.
لايدىن ياسىغان خام كوزا سۇغا چۈشسە ساق چىقماس.
لەززىتى چەكسىز؛ چەكسىز لەززەت؛ زوقلىنارلىق.
لەززىتى چەكسىز؛ ئويلىغانسېرى مەنىلىك تۇيۇلماق.
لەشكەر ئاز بولسۇن، ساز بولسۇن.
لەشكەرنى كۈندە چېنىقتۇرغۇلۇق، ئوغردىن تۈندە پەخەس بولغۇلۇق.