ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ماجىرانى تىنجىتماق؛ ماجىرا قىلغۇچىلارنى ياراشتۇرماق؛ ۋەقەنى بېسىپ ھەممىنى تىنجىتماق. ئىش تېپىۋالماي يول قويماق.
ماددا ئالمىشىش؛ كونىنىڭ ئورنىنى يېڭى ئالماق؛ كونا بىلەن يېڭىنىڭ ئالمىشىشى.
مازارغا چالما ئاتماق؛ ئەرباب بىلەن ئويناشماق؛ زوراۋانلارغا چېقىلماق؛ چاشقاننىڭ ئۆلگىسى كەلسە، مۇشۇكنىڭ قۇيرۇقىغا ئېسلىپتۇ.
ماقالىنى بىر قېتىمدىلا نوقسانسىز يېزىپ چىقماق؛ ماقالىنى بىر قولدىلا قايتا قەلەم تەگمەيدىغان قىلىپ يېزىپ چىقماق.
ماقالىنىڭ قانداقلىقى يازغۇچىغا باغلىق.
ماقالىنى ئۆزتەرتىپ-قائىدىسى بويىچە يازماق؛ ھەرقانداق ئىشنى ئۆز يولى بويىچە قىلماق. ئەقىلگە مۇۋاپىق گەپ.
ماكان تۇتۇپ، تىرىكچىلىك قىلماق؛ ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، بىرەر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتماق.
ماڭدامدا بىر ئۇچرىماق؛ ساماندەك؛ ھەممىلا يەردە ئۇچراپ تۇرماق؛ ساينىڭ تېشىدەك.
ماڭىمىغان يولنى ئوت باسار، بىلىمىگەن پىچاقنى دات باسار.
مال ئەسلى ئىگىسىگە قايتماق.
مال تۈرى بىلەن، ئادەم خىلى بىلەن.
مال-دۇنيا باقىي ئەمەس؛ تېپىلماسنىڭ خۇرۇچى ئەمەس؛ قولنىڭ كىرى.
مال-مۈلكى ۋە كۈچىگە تايىنىپ كۆرەڭلىمەك؛ پۇلى ۋە كۈچىگە ئىشىنىپ ھاكاۋۇرلۇق قىلماق.
مالنى دەپ جاندىن ئايرىلماق؛ پۇل-مالنى جاندىن ئەزىز بىلمەك.
مال ئۈچۈن جان ئالماق؛ مالنى دەپ قاتىللىق قىلماق.
مال ئىگىسىنى دورىمسا ھارام.
مالىماتاڭ؛ ئىنتايىن قالايمىقان؛ ئوڭتەي-توڭتەي.
مالىمان چىقارماق؛ چاتاق چىقارماق؛ توپىلاڭ كۆتۈرمەك.
مالىمانچىلىق؛ پاراكەندىچىلىك؛ ئەنسىزلىك؛ پاتىپاراقچىلىق.
مانا مەن دەپ ئوتتۇرىغا چىقماق.