ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
مەززىسى يوق؛ تېتىقسىز؛ پەيزى يوق؛ بەتتام. مۇ دېيلىدۇ.
مەزلۇملارنى قۇتقۇزۇپ، زالىملارنى يوقاتماق؛ جاپاكەشلەرنىڭ ھالىغا يېتىپ، زوراۋانلارنىڭ جاجىسىنى بەرمەك.
مەزلۇملارنى يۆلەپ، زالىملارنى باسماق؛ ياخشىغا ياغ بول، يامانغا داغ.
مەزمۇنسىز؛ قۇرۇق گەپ بىلەن تولغان.
مەزمۇنى تېمىغا ماس كەلمەسلىك؛ مەزمۇنى تېمىدىن يىراقلىشىپ كەتمەك. باغدىن سورىسا تاغدىن جاۋاب بەرمەك؛ كاللا دېسە پاقالچاق دېمەك.
مەزمۇنى مول، شەكلى خىلمۇ خىل.
مەزھەپچىلىك نوقتىئىنەزەلىرى؛ گۇرۇپپىۋازلىق قارىشى.
مەزىن مەسچىتتە بولسىمۇ ئاۋازى تالادا.
مەستخۇشلۇق؛ مەھلىيا قىلماق.
مەستلىكتە قىلغان گەپكە، يېشىلگەندە پۇشايمان قىپتۇ.
مەستلىك غەمدىن خالاس قىلۇر.
مەست مەستلىكتە ئىچ-باغرىنى تۆكۈپتۇ.
مەستنىڭ ئاغزى كىچىك بالىنىڭ كۆتىگە ئوخشايدۇ.
مەسخىرە قىلماق؛ مازاق قىلماق؛ ئاچچىق گەپلەر بىلەن چېقىۋالماق.
مەسلەھەتلىشىۋالغاندەك؛ ۋەدىلىشىۋالغاندەك؛ كىلىشىۋالغاندەك؛ ئوي پىكىر بىر يەردىن چىقماق.
مەسلىھەت كۆپ بولسا، ئۆي پۈتمەپتۇ؛ موللا كۆپ بولسا ئېشەك ھارام بوپتۇ.
مەشھۇر؛ ئاتاقلىق؛ داڭدار.
مەغرورلامماسلىق ۋە ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق.
مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇرماق؛ قەددىنى رۇسلاپ تىك تۇرماق .
مەغرۇر قوشۇن مەغلۇپ بولۇر؛ كۆرەڭلىگەن يېڭىلار.