ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
گۇناھىغا توۋا قىلىپ، يېڭىۋاشتىن ئادەم بولماق.
گۇيجۇ ئېشكىنىڭ ھۈنىرى شۇنچىلىك؛ كارامىتى ئاشكارا بولماق؛ مۇزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە.
گۆر ئاغزىدىن قايتماق؛ خېيمخەتەردىن ئامان قالماق؛ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالماق.
گۆرۇھ بولۇۋېلىپ ئەسكىلىك قىلماق؛ تىل بىرىكتۈرۈپ يامانلىق قىلماق.
گۆش بار يەردە ياغدىن غەم قىلما.
گۆش بار يەردە ياغمۇ بار.
گۆش جىق چاغدا ياغكىن دەيسەن، گۆش يوق چاغدا بەز (يەيسەن).
گۆش سېسىسمۇ سۆڭىكى ساق قالۇر.
گۆش قاينايدۇ قازاندا،پۇرىقى يۈرىدۇ تالادا.
گۆشنى يەپ، سۆڭىكىنى پۈركۈۋەتكۈدەك بولماق؛ چايناپ پۈركۈۋەتكۈدەك بولماق.
گۆشىمۇ بار، ئۇستىخىنىمۇ بار؛ جانلىق.
گۆھەر بىلەن تاش تەڭ سۇنماق؛ ياخشى بىلەن يامان بىللە گۇم بولماق.
گۆھەر تېپىۋالغاندەك.
گۆھەرنى تاشقا ئۇرما
گۆھەر يەردە قالماق؛ ئېسىل نەرسە قەدرىسىز ئادەمنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماق.
گۈررىدە تارقىلىپ كەتمەك؛ ھەش-پەش دېگۈچە تارقىلىپ كەتمەك.
گۈرسىلدىگەن ئاياغ تىۋىشى.
گۈرۈچسىز پولو ئەتمەك؛ ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىش؛ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش؛ بىر باشقا چىقمايدىغان ئىش.
گۈزەل تاغ-دەريالار. ؟؟ مۇ ديىلىدۇ.
گۈزەل نەرسىلەرنى ئاياغ ئاستى قىلماق.