ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا؛ كىشىلەرگە بولغان مۇئامىلە.
كىشىلەر مىغىلدەپ كەتمەك؛ كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ قاتناپ تۇرماق؛ زوق-شوق بىلەن قايناپ تاشماق.
كىشىلەرنىڭ كۆزىنى بويىماق؛ كۆز بويامچىلىق قىلماق.
كىشىلەرنىڭ كۆڭلى ۋەسۋەسىگە چۆممەك؛ كىشىلەرنىڭ كۆڭلى پاراكەندە بولماق؛ خەلق ئىزتىراپقا چۆكمەك.
كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتمەك؛ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقماسلىق.
كىشىنى بەك بۆزەك قىلماق؛ ئادەمنى تولىمۇ ئانىي تاپماق.
كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالماق؛ قاتتىق ئويلاندۇرماق.
كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالماق؛ كىشىنى ئويلاندۇرماق.
كىشىنى چۆچۈتىدىغان؛ ئادەملەرنى ھەيرەن قالدۇرىدىغان .
كىشىنى زوقلاندۇرماق؛ كىشىنى مەپتۇن قىلماق؛ كىشىنى جەلىپ قىلماق.
كىشىنى سۆز بىلەن قايىل قىلماق؛ كىشىنى دەلىل بىلەن قايىل قىلماق.
كىشىنى قالتىس خۇشاللاندۇرماق؛ كىشىنى سۆيۈندۈرمەك.
كىشىنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلماق؛ دىققەتنى قوزغىماق.
كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرمەك؛ كىشىنى مەپتۇن قىلماق.
كىشىنىڭ قۇسقىسىنى كەلتۈرمەك؛ كىشىنى يىرگەندۈرمەك.
كىشىنىڭ ئېشىنى يېسەڭ تىلىڭ قىسقرايدۇ.
كىشىنىڭ يۈرەك تارىلىرىنى تىترەتمەك؛ كىشىنى ھاياجانغا سالماق.
كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان .
كىشىنى مەجبۇرىي قايىل قىلماق؛ كىشىنى كۈچ بىلەن بويسۇندۇرماق.
كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان.