ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرغۇدەك؛ ئىللىق باھار شامىلىدىن ھۇزۇرلانغاندەك.
كىشى ئۆزى ئۈچۈن قايغۇرمىسا يەر يۇتىدۇ.
كىلاسسىك ئەسەرلەرگە ئاساسلانماق؛ كىلاسسىك ئەسەرلەردىن نەقىل كەلتۈرمەك.
كىمخاب تون كىيىپ يۇرتىغا قايتماق؛ بېيىپ يۇرتىغا قايتماق.
كىمخاب ئۈستىگە گۈل باسماق؛ گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرمەك.
كىمنىڭ ھارۋىسىنى ھەيدىسە، شۇنىڭ ناخشىسىنى ئېيتىپتۇ.
كىم ئۈتىدۇ، كىم ئەمەس.
كىيىم-كېچەك، ئۇزۇق تۈلۈك مول بولماق؛ كىيىم پۈتۈن، قورساق توق بولماق.
كىيىم-كېچەك ۋە يېمەك-ئىچمەكنى تېجىمەك؛ ئاياپ كىيىپ، قىسىپ يېمەك؛ ئىقتىسادچىللىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرمەك.
كىيىمى ۋەيرانە، ئۆزى ئاۋارە؛ چېچىلاڭغۇ؛ رەتسىز.
كىيىن كەلگەن تۆرگە چىقىپتۇ؛ بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كىيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كېتىپتۇ.
كىيىنكىسى ئالدىنقىسىغا تۈرتكە بولماق.
كىيىن مۇشت كۆتۈرمەك؛ كىيىن قول سالماق.
گاچا كەكرە يەپمۇ ئاچچىق دېيەلمەس.
گاس گۈلدۈرمامىدىن قورقماس.
گاسنىڭ كۆڭلى ئارامىدا.
گالغا كىرگەننىڭ ئاغرىقى تۇيۇلماپتۇ.
گاھى خۇدا بىلەن رۇسۇل، گاھى دۇتار بىلەن ئۇسسۇل.
گەا قاراڭ.
گەپ ئادەمدە؛ ئىش ئادەمگە باغلىق.