ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
گەپ بىلەن ئۆگەتمەي ئىش بىلەن ئۆگەت.
گەپ تونۇشماق؛ چېقىمچىلىق قىلماق؛ ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سالماق.
گەپ تېگىدىكى گەپ؛ دېمەكچى بولغىنى؛ گەپنىڭ يۇشۇرۇن مەنىسى.
گەپ تىگىدىكى گەپ؛ گەپنىڭ يۇشۇرۇن مەنىسى؛ گەپنىڭ ئورامى.
گەپتىن-گەپ چىقارماق؛ بىرەر ئىش-ھەركەتنى تۇتۇۋېلىپ، ئۆز پىكىرىنى يورغىلاتماق.
گەپدان بولغۇچە ئىشچان بول.
گەپدان؛ سۆزمەن؛ گەپكە ئۇستا.
گەپدان؛ گەپكە چېچەن؛ گەپكە ئۇستا.
گەپدانلىق قىلماق؛ ئاغزىدىن سۆز بۇلاقتەك ئېتىلىپ چىقماق.
گەپ دېگەن بىر؛ گېپى گەپ بولماق؛ دېگىنىدە تۇرماق؛ دېگىنىنى قىلماق.
گەپ ساتماق؛ قۇرۇق پەلسەپە ساتماق.
گەپ ساتىدىغان يۈز پوچىدىن، ئىش قىلىدىغان بىر نوچى ياخشى.
گەپ قاملاشماسلىق؛ گەپ قولاشماسلىق؛ تاققا-تۇققا گەپ قىلماق.
گەپ قىلالماي قالماق؛ تىلى تۇتۇلماق؛ لام-مىم دېيەلمەي قالماق.
گەپكە قۇلاق سالماق؛ ئېتىبارسىز قارىماق؛ ئاڭلىمىغانغا سالماق.
گەپكە ئۇستىلىق؛ سۆزمەنلىك.
گەپكە ئۇستىلىق؛ گەپدانلىق؛ قارلىغاچتەك سايرىماق.
گەپنى ئەپقاچماق؛ گەپنى بۇرىماق.
گەپنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەك.
گەپنى دەل جايىدا قىلماق؛ سۆزى ۋەزىنلىك بولماق.