ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
جاراھەت ساقايغاندا ئاغرىقىنى ئۇنتۇپتۇ؛ ياخشى كۈنگە ئېرىشكەندە يامان كۈننى ئۇنتۇپتۇ.
جارى قىلدۇرماق؛ ئەۋج ئالدۇرماق.
جازا گۇناھىغا لايىق كەلمەسلىك؛ ئېغىر جازالاپ قويماق.
جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلىمەك.
جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلىمەك؛ قۇدرەت تېپىشقا بەلنى مەھكەم باغلىماق.
جاسارىتى بار، پاراسىتى يوق؛ غەيرىتى بار، پەمى يوق.
جاسارىتى بار، پاراسىتى يۇق؛ قاراملارنىڭ جاسارىتى.
جاڭگىلىك ئامان بولساڭ، ئوتۇندىن نېمە غەم؛ جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان.
جاللات قېلىچنى تاشلاپ زاھىت بوپتۇ.
جان ئالىدىغان يۇشۇرۇن ئاپەت.
جان بەرمەك؛ جان ئۈزمەك؛ ھاياتتىن جۇدا بولماق.
جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان.
جان بېقىشنىڭلا كويىدا بولماق.
جان پىدا قىلماق؛ پىداكارلىق كۆرسەتمەك.
جان پىدا قىلماق؛ جاندىن ئايرىلماق.
جان تالاشماق؛ سەكراتقا چۈشمەك.
جان تۇمشۇققا كەلگەندە خۇدا دەپتۇ.
جان تۇمشۇققا كەلگەندە خۇدانى ياد ئەتمەك؛ باشقا كەلگەندە باش تاتىلاپتۇ.