ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
جان تۇمشۇقىغا كەلگەندە تىۋىپقا قاتراپتۇ.
جان تۇمشۇقىغا كىلىپ قالماق؛ ساقايماس كېسەلگە مۇپتىلا بولماق؛ كىسىلى پىشىپ قالماق.
جان تىكىپ ئېلىشماق؛ جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ ئېلىشماق.
جانجىگەر دوستۇڭ تۇغقاندىن ياخشى.
جان-جىگەر دوست؛ ئىشەنچىلىك دوست؛ قەدىناس دوست.
جان دوست؛ قەدىناس دوست؛ سىرداش دوست.
جان-دىل بىلەن؛ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن.
جان-دىلى ۋە بار كۈچى بىلەن؛ بەجانىدىل.
جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولماس.
جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولمايدۇ.
جان كەتسىمۇ ياخشىلىقنى ياندۇرماق.
جان كىرگۈزۈۋەتمەك ( ئەسەرگە بىرەر مۇھىم مەزمۇن قوشۇپ، جان كىرگۈزۈۋېتىشكە تەمسىل قىلىنىدۇ)
جانلىق-تېتىك؛ روھلۇق؛ جۇشقۇن.
جانلىق سۈرەتلەپ بەرمەك؛ جانلىق تەسۋىرلىمەك.
جاننى تىككەن باتۇرغا رەقىب چىقماس.
جان ھەلقۇمغا كىلىپ قالماق؛ سەكراتقا چۈشۈپ قالماق. روھى چۈشكۈن؛ روھسىز؛ جانسىز.