ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
تەكتىنى سۈرۈشتۈرمەك؛ تېگى-تەكتىگە يەتمەك؛ تۈپ سەۋەبىنى ئىزدىمەك.
تەكشۈرۈشكە ئارخىپ بار؛ ئاساس بار.
(تەكلىپ ياكى سوۋغىنى) رەت قىلىش بىھۆرمەتلىك بولار؛ قايتۇرۇۋېتىش ئەدەپسىزلىك بولار.
تەڭ تۈگەشمەك؛ تەڭ گۇم بولماق؛ بىللە يوقالماق.
تەڭداشسىز؛ تەڭدىشى يوق؛ ئالەمدە بىر.
تەڭدىشى يوق ساھىپجامال؛ تەڭداشسىز گۈزەل.
تەڭرىدىن نالىنىپ، بەندىدىن رەنجىمەك؛ ھەممدىن ئاغرىنماق؛ ھەممە كېلىشمەسلىكلەرنى باشقىلاردىن كۆرمەك.
تەڭرى شاپائەت قىلماق؛ تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن.
تەڭرىنىڭ جازاسى ئادىل ھەم قۇتۇلغۇسىزدۇر.
تەڭ شېرىك بولماق؛ تەڭ بۆلۈشمەك؛ تەڭلىشىپ قالماق؛ تەڭ بولماق.
تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدىغان؛ سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان؛ تەڭدىشى يوق.
تەڭمۇ تەڭ ماڭماق؛ بىر قاتاردا تۇرماق؛ تەڭ ئىلگىرلىمەك؛ بىر-بىرىدىن قېلىشماسلىق.
تەڭ ئورۇندا تۇرماق؛ مەرتىۋىسى باراۋەر بولماق.
تەڭ ئورۇنغا قويماق؛ بىر تاياقتا ھەيدىمەك.
تەڭ ئورۇنغا قويماق؛ بىر قاتاردا قويماق؛ بىر تاياقتا ھەيدىمەك.
تەڭ ئىلگىرىلىمەك؛ بىرلىكتە ئالغا باسماق.
تەڭ ياشاپ، تەڭ قېرىماق؛ ئۆمۈر بويى ئايرىلماسلىق.