ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
تالانتلىق ئادەم ئۆزىنى كۆرسەتمەس، ئۆزىنى كۆرسەتكەن تالانتلىق ئەمەس.
تالانتلىق كىشىلەر مىغ-مىغ؛ تالانتلىق كىشىلەر ناھايىتى جىق.
تالانتنى تولۇق كۆرسەتمەك؛ ئۆزىنى كۆرسەتمەك؛ بىلەرمەنلىك قىلماق.
تاماقتىن كېيىن ئاش سۈيى، تەنگە بولۇر زور رولى.
تاماقتىن كېيىن قىلساڭ ساياھەت، تەنگە بېغىشلار بېھىساب راھەت.
تامامەن باشقىچە؛ پۈتۈنلەي ئوخشىماسلىق.
تام-تورۇس ۋە لىم تۈۋرۈكلىرى نەقىشلەنگەن بىنا؛ نەپىس-كۆركەم سېلىنغان بىنا.
(تام-تۇرۇسنى پۇختىلاپ، تالا-تۈزنى يىغىشتۇرماق (قاتتىق مۇداپىئە كۈرۈشكە تەمسىل قىلىنىدۇ
تامدەك تاتىرىپ كەتمەك؛ رەڭگىدە قان قالماسلىق؛
تامدەك قېتىپ قالماق؛ بۇتتەك قېتىپ قالماق.
تامدىن-تامغا ئۇچۇپ يۈرمەك؛ ئۆگزىدىن ئۆگزىگە سەكرەپ يۈرمەك؛ چەۋەندازلىق.
تامىقىنى چاكىلداتماق؛ تاماق قاقماق.
تانا بىلەنمۇ تاختاي تىلغىلى بولىدۇ؛ مىدىرلىغان قىر ئاشار.
تاياق گۆشتىن ئۆتىدۇ، تىل سۆڭەكتىن.