ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئادەمگە سىياقىغا قاراپ باھا بەرمەك؛ چاپىنىغا قاراپ مۇئامىلە قىلماق؛ كۆرۈنۈشىگە قاراپ باھا بەرمەك.
ئادەمگە كىيىم كېرەك، شەھەرگە جىرىم.
ئادەملەرنى چامغۇرنىڭ كۆكىنى ئالغاندەك قىرىپ تاشلىماق؛ خالىغانچە ئادەم ئۆلتۈرمەك.
ئادەم ماڭغان يەردە ئىز قالۇر، قۇش ئۇچقان يەردە پېيى قالۇر.
ئادەمنى ئازدۇرماق؛ ئېزىتقۇلۇق قىلماق.
ئادەمنى بىلىپ، جايىدا ئىشلىتىشكە ماھىر بولماق؛ ئادەملەرنى چۈشىنىش ۋە ئىشلىتىشكە ماھىر بولماق.
ئادەمنى پاتقاققا سۆرەپ كىرمەك؛ ئادەمنى يولدىن چىقارماق.
ئادەمنى سىزىش ئاسان، ئادەمگە ئوخشىتىش تەس.
ئادەمنى قوراي ئورغاندەك قىرماق؛ ئادەمنى چۆپ چاپقاندەك ئۆلتۈرمەك.
ئادەمنى قۇتۇلدۇرساڭ ئاخىرىغىچە، كېمە ھەيدىسەڭ قىرغاققچە.
ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا.
ئادەمنىڭ زىننىتى كىيىم، ئاتنىڭ زىننىتى ئېگەر-توقۇم.
ئادەمنىڭ قەدرى ئۆلگەندە ئۆتۈلىدۇ.
ئادەمنىڭ قەدىر قىممىتى ئۆزىنى بىلىشتە.
ئادەمنىڭ كۆڭلى قارا؛ ئادەمنىڭ نىيىتى يامان.
ئادەمنىڭ يۈزىگە قارىما، سۆزىگە قارا.
ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان؛ كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان؛ تەسىرلىك.
ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، مال-مۈلكىنى بۇلىماق؛ قاراقچىلىق قىلماق.
ئادەمنى ئۆمرىدە نۇرغۇن قەدەم، مۇھىمى تۇنجى قەدەم.
ئادەم ھېرىپ، ئات بولدۇرۇپ قالماق؛ ھېرىپ ھالىدىن كەتمەك.