ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئادەم ئالدىنىدۇ مالغا، قۇش ئالدىنىدۇ دانغا
ئادەم ئەللىكتە يېتىلىدۇ، دەرەخ ئون يىلدا.
ئادەم بولمايدىغان؛ ئوڭشالمايدىغان.
ئادەم بىر خىل، ھەۋىسى ھەرخىل.
ئادەم تولا گەپ تولا؛ ئادەم كۆپ بولسا، ئېغىزمۇ جىق بولىدۇ.
ئادەمدە بولىدىغان ھېسسىيات؛ قائىدە-يۇسۇنغا سىغىدىغان ئىش.
ئادەم دېڭىزى؛ مىغ-مىغ ئادەم. جىق ئادەم بىر يەرگە توپلانماق.
ئادەمزات ئاياغ باسمىغان؛ ئىنسان قەدىمى يەتمىگەن.
ئادەم قولى چۆلنى بوستان قىلۇر.
ئادەم قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ساۋابى مىڭ تىللارغا يارايدۇ
ئادەم قېرىسىمۇ، كۆڭلى قېرىماس.
ئادەم كۆپ بولسا كۈچ كۆپ بولىدۇ.
ئادەم كۆپ بولسا، ئېشەك ھارام بولۇپتۇ.
ئادەم كۆپ، كۆز تولا.
ئادەم كۆپ، لېكىن ئىش قالايمىقان بولماق.
ئادەم كۆپ يەردە ئېشەك ھارام بولۇپتۇ.
ئادەمگە ئاتاق خەتەر، چوشقىغا سېمىزلىك.
ئادەمگە بېقىپ ئىش كۆرمەك؛ ئادەملەرنى كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ لايىق ئىشقا قويماق.
ئادەمگە تۇشلۇق ئىش يوق؛ ئىشتىن ئادەم كۆپ.
ئادەمگەرچىلىك؛ جاھاندارچىلىق.