ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئارمان ئۈچۈن، ئاھانەتكە چىدىماق.
ئارمانىڭغا يەتمىگۈچە بەل قوۇۋەتمە.
ئار-نومۇستىن ئەسەرمۇ قالماسلىق.
ئار-نومۇسنى بىلمەسلىك؛ ئىزا تارتماسلىق؛ نومۇس قىلماسلىق.
ئارىسالدى بولماق؛ بىر قارارغا كېلەلمەسلىك؛ ئىككى خىيال بولۇپ قالماق.
ئارىسالدى بولۇپ تۇرۇپ قالماق؛ تەمتىرەپ ئالغا باسالماي قالماق.
ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سالماق؛ ئارىنى بۇزماق؛ ئىغۋاگەرچىلىك قىلماق؛ ئوت قۇيرۇقلۇق قىلماق.
ئارىلىشىۋالماق؛ چېپىلىۋالماق؛ چات كېرىۋالماق.
ئارىلىق يېقىن تۇرۇپمۇ بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشالماسلىق.
ئازاب-ئوقۇبەتتە قالغانلارنى قۇتقۇزماق.
ئازاپ-ئوقۇبەتلىك كۈنلەرنى ئەسلەپ، راھەت-پاراغەتنىڭ قەدرىگە يەتمەك؛ تارتقان دەرد-ئەلەملەرنى ئەسلەپ، كۆرۈۋاتقان بەخت-سائادەتنىڭ قەدرىگە يەتمەك.
ئازادە ۋە يورۇق ئۆي؛ پاكىز-رەتلىك ئۆي.
ئاز، ئاستا، ناچار ۋە ئىسراپخورلۇق.
ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاپ قىلماق؛ ئاز بولسىمۇ قەلبىنى ئىپادىلىمەك؛ بىر باش پىيازمۇ پىياز.
ئاز بولىسمۇ بولسۇن، ماز بولمىسۇن.
ئاز-تولا خەير-ساخاۋەت؛ ئاز-تولا ئىلتىپات؛ ئانچە-مۇنچە نەپ.
ئازچىلىق كۆپچىلىككە تەڭ كېلەلمەس.
ئاز سانلىقلار كۆپ سانلىقلار ئۈستىدىن غالىپ كەلمەك؛ ئاز كۈچ بىلەن كۆپ دۈشمەننى يەڭمەك.
ئاز سۆزلە، كۆپ ئاڭلا، ئاز يە، كۆپ چاينا.
ئازغام يولدىن قايتماق.