ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئادەم ئوخشاش، خۇي-پەيلى ئوخشىماس.
ئادەم ئۇرساڭ يۈزىگە ئۇرما، تىللىساڭ ئەيىبىنى ئاچما.
ئادەم ئۆلتۈرسە كۆزىنى مىت قىلىپ قويماسلق؛ ئادەم ئۆلتۈرۈپ خوردا بولۇپ كەتمەك؛ قانخۇر.
ئادەم ئۆلگەن بىلەن، تەۋەرۈكى قالىدۇ.
ئادەم ئىچىدە ئادەم بار، ئات ئىچىدە تۇلپار.
ئادەم ياۋاش بولسا، ئىشقا سالىدىغانلار كۆپ بولۇر، ئات ياۋاش بولسا، مېنىدىغانلار كۆپ بۇلار
ئادەم يەرگە تايىنىدۇ، زىرائەت ئادەمگە.
ئادەم يەرنى باقسا، يەر ئادەمنى باقىدۇ.
ئاددىي تاماق؛ ئادەتتىكى تاماق. ئادەتتىكى ئىش.
ئاددىي-ساددا ۋە يارىشىملىق كىيىنگەن ئاياللار.
ئاددىي ئۆي (كەپە ئالچۇق).
ئادىل كىشنىنىڭ قولى تارازا.
ئادىل ۋە خالىس.
ئارام ئېلىپ ھاللىنىۋالماق؛ ئارام ئېلىپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالماق.
ئاران تاپقىنى ھەش-پەش دېگۈچە خاراب بوپتۇ.
ئارپا بىلەن بۇغداينى پەرق ئېتەلمەسلىك.
ئارتۇقچىلىق بار يەردە كەمچىلىكمۇ بولىدۇ.
ئارتۇقچىلىق كەمچىلىكنى بېسىپ چۈشەلمەسلىك؛ ئارتۇقچىلىق يېتەرسىزلىكنى يېپىپ كېتەلمەسلىك.
ئارتۇقچىلىقنى ئېلىپ، كەمچىلىكنى تولدۇرماق؛ ئارتۇقچىلىقنى قوبۇل قىلىپ، كەمچىلىكىنى تۈگەتمەك.
ئارتۇق نەرسىسى بولماسلىق؛ ئوشۇقچە بىساتى يوق؛ يوقسۇللۇق.