ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئارتۇق نەرسىسى بولماسلىق؛ يوقسۇزلۇق.
ئارتۇق نەرسىسى بولماسلىق؛ يوقسۇللۇق.
ئارزۇ-ئارمانغا قانماق؛ ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپ قانائەت ھاسىل قىلماق.
ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماق؛ مۇردىغا يەتمەك.
ئارزۇ-ھەۋەسكە بېرىلىپ كەتمەڭ؛ ئەرزىمەس ئىشلارغا بېرىلىپ ئىرادىسىنى يوقاتماق.
ئارزۇ-ئىستەك بىر يەردىن چىقماق؛ ئوي-پىكىر بىر يەردىن چىقماق.
ئارغامچا قىسقا، قۇدۇق چوڭقۇر؛ ئىشقا تۇشلۇق كۈچ يوق.
ئارغامچا ئىنچىكە يەردىن ئۈزۈلەر.
ئارغامچىنى ئۇزۇن قويۇۋەتمەك؛ تۇتۇش ئۈچۈن قەستەن بوش قويۇۋېتىپ تۇرماق.
ئارقا-ئارقىدىن چىقماق؛ تۆپە-تۆپىلەپ يۈز بەرمەك. ، مۇ دېيىلىدۇ.
ئارقا-ئارقىدىن چىقىپ تۇرماق؛ ئۈزۈلمەي ۋۇجۇتقا كەلمەك؛ ئۈستى-ئۈستىگە پەيدا بولماق؛ پۈتمەس تۈگىمەس.
ئارقا-ئارقىدىن كەلمەك؛ تۆپە-تۆپىلەپ كەلمەك؛ ئۈزۈلمەي كەلمەك.
ئارقا-ئارقىدىن كەلمەك؛ كەينى-كەينىدىن كەلمەك.
ئارقا-ئارقىدىن؛ كەينى-كەينىدىن؛ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى.
ئارقا تەرەپتىن ئەنسىرىمەك؛ ئارقىغا تارتىشماق؛ كەينىدىن ئەندىشە قىلماق.
ئارقىدا قېلىشقا تەن بەرمەسلىك؛ ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس.
ئارقىغا بۇرۇلۇپ نەيزە ئۇرماق؛ قۇرالنى كەينىگە قاراتماق؛ ئۆز قوشۇنىغا قارشى چىقماق.
ئارمان بار، دەرمان يوق؛ بىرەر ئىشنى قىلغۇسى بولسىمۇ، قۇربى يەتمەسلىك.
ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق.
ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق؛ نەزىرى ئۈستۈن، ھالى بوش؛ ھالىغا باقماي ھال تارتماق.