ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
كۆپ سورىغان يولدىن ئاداشماس.
كۆپ سورىغان يولدىن ئازماپتۇ.
كۆپ سۆزلىگەن تۇتۇلار، ئاز سۆزلىگەن قۇتۇلار.
كۆپ قەرزگە بوغۇلماق؛ كانايغىچە قەرزگە بوغۇلماق.
كۆپ كۈچ بىلەن ئاز ئىش قىلماق.
كۆپ كېسەل بولغان ئادەم دوختۇر بولۇر.
كۆپنى كۆرگەن؛ خاھان كەزگەن؛ چوڭ سورۇنلاردا بولغان.
كۆپنى كۆرگەن كۆپ بىلەر؛ كۆرگىنى كۆپ، بىلگىنى جىق.
كۆپنى كۆرگەن كۆپ ئوقۇغاننى بېسىپ چۈشىدۇ.
كۆپنى كۆرگەن؛ كۆپ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن.
كۆپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇرماق.
كۆپنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماق؛ ئەلنىڭ قاغىشىغا قالماق.
كۆپنىڭ سۆز-چۆچىكى قورقۇنچلۇقتۇر؛ جامائەت پىكىرىنىڭ قۇدرىتى چوڭ.
كۆپنىڭ غەزىپىنى توسقىلى بولمايدۇ؛ خەلقنىڭ غەزىپى دەھشەتلىك بولىدۇ.