ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسەتمەك.
كۇافۇنىڭ قۇياشىنى قوغلىشى.
كۇكۇم-تالقان بولۇپ كەتمەك؛ ئەبجىقى چىقماق؛ ۋەتۋەرىكى چىقماق.
كۆپ ئاغرىغان ئەچ بولار، كۆپ يۈرگەن يولچى.
كۆپ ئەجىر قىلغان ھۈنەردە كامالەتكە يېتەر.
كۆپ تەرەپتىن ئىسپاتلىماق؛ ھەر جەھەتتىن دەلىللىمەك؛ كۆپلەپ نەقىل كەلتۈرمەك.
كۆپ تەر تۆكسەڭ كۈندە، ئاز قان تۆكسەن جەڭدە
كۆپ تەكىتلەنگەن گەپنىڭ ھەممىسى ياخشى بولۇپ كەتمە، يۇقىرى ئاۋازدا دېيىلگەن گەپنىڭ ھەممىسى يوللۇق بولۇپ كەتمەس.
كۆپ، تېز، ياخشى، تېجەشلىك.
كۆپ جاپا چىكىپ، زور خىزمەت كۆرسەتمەك.
كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇ-ئارمىنى؛ كۆپچىلىكنىڭ مايىللىقى.
كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى جارى قىلدۇرماق؛ كۆپنىڭ پىكىرىنى ئالماق.
كۆپچىلىكنىڭ لەنىتىگە قالماق؛ ئاممىنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنمەك.
كۆپچىلىكنىڭ ئىرادىسى قورغاندۇر؛ ئىتتىپاقلىق كۈچ دېمەكتۇر؛ بىرلىك ھەممىنى يېڭىدۇ.
كۆپچىلىك ئوتۇن تەرسە ئوت ئۇلغىيىدۇ؛ كۆپنىڭ كۈچى كۆپ.