ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
يىرتقۇچلارچە خىرىس قىلماق؛ ياۋۇزلۇق قىلماق؛ ۋەھشىيلىك قىلماق.
يىرتقۇچلار دەۋران سۈرمەك؛ مۇدھىش كۈچلەر زورلۇق-زومبۇرلۇق قىلماق.
يىرتقۇچلار ئۇۋىسى (خەتەرلىك جايغا تەمسىل قىلىنىدۇ).
يىرتقۇچ ھايۋاننى بويسۇندۇرۇش ئاسان، ئادەمنى بويسۇندۇرۇش تەس.
يىرقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ياخشى.
يىرىتقۇچلاردەك خىرىس قىلماق؛ يەۋېتىدىغاندەك ھومايماق.
يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلىمەك؛ يىغلاپ تۇرۇپ دەرد تۆكمەك.
يىغلاپ ئۈنى پۈتۈپ كەتمەك؛ بوزلاپ يىغلىماق؛ قاتتىق قايغۇرماق.
يىغلاۋېتىپ كۈلۈپ سالماق؛ يىغىدىن توختاپ كۈلۈۋەتمەك.
يىغىپ ئېيتقاندا.
يىغىنچاق قىلپ كۆرسەتمەك؛ يىغىنچاقلاپ مېغىزىنى كۆرسەتمەك؛ ئىخچاملىماق.
يىقىلىشتىن قورقساڭ يول مېڭىشنى ئۆگىنەلمەيسەن، يارىلىنىشتىن قورقساڭ يولۋاس توتالمايسەن.
يىڭنە ئىشىغا ئۇستا؛ قولى چېۋەر؛ قولى گۈل.
يىڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماپتۇ.
يىڭى تۈس ئالماق؛ تامامەن يىڭى تۈس كىرمەك.
يىڭى كۆز بىلەن قارىماق؛ يېڭىچە نەزەردە قارىماق.
يىڭىلمەس ئۇرۇنداتۇرماق؛ غالىپ ئۇرۇندا تۇرماق.
يىڭىلىق ياراتماق؛ باشقىچە ئۇسلۇب ياراتماق؛ باشقىچە ئىش تۇتماق.
يىڭىلىق يارىتىپ، ئۆزگىچىلىك تىكلىمەك؛ ئۆزگىچە يىڭىلىق ياراتماق؛ غەيرى يول تۇتماق.
يىڭى ئېقىملار ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولماق؛ يېڭى كۈچلەر بىردىنلا پەيدا بولماق.