ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
يۈز دوستىمۇ ئازلىق قىلىدۇ، بىر دۈشمەنمۇ كۆپلۈك قىلىدۇ.
يۈزدىكى كىرنى چىقىرىش ئاسان، كۆڭۈلدىكى كىرنى چىقىرىش تەس.
يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ يوليورۇق بەرمەك.
يۈزنى يمىسا مەينەت بولۇر، ئۆينى سۈپۈرمىسە ئەخلەت بولۇر.
يۈز ھۈنەرنى بىلگەندىن، بىر ھۈنەردە كامالەتكە يەتكەن ئەلا.
يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى-جېنىمنىڭ راھىتى.
يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى جېنىمنىڭ راھىتى.
يۈزى قېلىن؛ داپ يۈز؛ داپشاق.
يۈزى قېلىنلىق قىلماق؛ بىشەملىك قىلماق؛ بېزىرىپ تۇرۇۋالماق.
يۈزى كەتمەك؛ ئابرويى تۆكۈلمەك.
يۈزىنى ئىششىتىۋېلىپ، ئۆزىنى سىمىز كۆرسەتمەك.
يۈز يالغاندىن بىر راست ياخشى.
يۈز يىللىق قۇرۇ خىيال، بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەس.
يۈكسەك نىيەت؛ بۈيۈك ئىرادە؛ ئىرادىسى ئۇلۇغ؛ غايىسى ئۇلۇغ.
يۈك ئېغىر، مەنزىل يىراق؛ يول يىراق، ۋەزىپە ئېغىر.
يۈك يىنىك-يول تونۇش؛ تونۇش ئىش؛ ئاسان ئىش.
يۈگەنسىز ئات؛ بەڭۋاشلىق.
يۈگوڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى.
يېپيېڭى تۇيۇلماق؛ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالماق.
يېتىپ ئاشماق؛ ئېشىپ تاشماق.