ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
يېتىپ يېسە تاغمۇ توشۇمايدۇ.
يېتىشتۈرگەن كۆچەتلىرى ھەممە يەردە بار؛ شاگىرتلىرى ھەممە يەرگە تارقالغان.
يېتىشىۋالغىلى بولماسلىق؛ ئېرىشكىلى بولماسلىق؛ قول يەتمەس.
يېتىم ئاقساقاللىق؛ تىل ياغلامچىلىق.
يېتىملىك دەردىدە ھەسرەتلەنمەك؛ يالغۇزچىلىق دەردىدە قايغۇرماق.
يېتىمنىڭ ئاتىسى يەتتە.
يېرى كەڭ، ئاھالىسى شالاڭ.
يېرى كەڭ بايلىقى مول.
يېرىم شېشە سۇ شالداقلايدۇ.
يېرىم-يارتا بىلمەك؛ چالا-بۇلا بىلىمەك؛ يۈزەكى بىلىم.
يېرىم يولدا تاشلاپ قويماق؛ چالا ئىشلەپ توختىتىپ قويماق.
يېرى ياخشى، خەلقى ئۆم.
يېزىپ تۈگەتكۈسىز؛ ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز؛ ھەددى-ھېسابسىز.
يېشىل تاغ-زۈمرەت سۇلار؛ گۈزەل تاغ-دەريالار.
يېشى يەتمىشتىن ئاشماق؛ بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىماق؛ ياشىنىپ قالماق.
يېغا ياندىن چىقار، بالا قېرىنداشتىن؛ چاتاق ئىچكى قىسىمدىن چىقماق.
يېغىىلق بۇلۇپ تۇرماق؛ ئۇرۇش ئۈزۈلمەسلىك.
يېقىملىق ۋە تەسىرلىك.
يېقىندىكىنى قويۇپ، يىراقتىكىگە يۈگۈرەمەك.
يېقىن قالماق؛ ئاز قالماق؛ ساناقلىقلا كۈن قالماق.