ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
يۆلەنچۈكىگە تايىنىپ كۆرەڭلىمەك؛ ھىماتىغا ئىشىنپ ھاكاۋۇرلۇق قىلماق.
يۈرەك-باغرى داغلانماق؛ يۈرەك-باغرى خۇن بولماق.
يۈرەك باغرىنى يېرىپ بەرمەك؛ ئىچ گېپىنى ئېيتماق.
يۈرەك پارە-پارە بولماق؛ يۈرىكى ئېزىلىپ كەتمەك.
يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان؛ ھەيران قالارلىق؛ ھاياجانلىق.
يۈرەك دولقۇنلىرى مەۋج ئۇرماق؛ قاتتىق ھاياجانلانماق.
يۈرەك سۆزى؛ كۆڭلىدىكى گەپ.
يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلماق؛ كۆپ ئەجىرلىك قىلماق؛ قاتتىق باش قاتۇرماق.
يۈرەكنى پىچاق بىلەن تىلغاندەك بولماق؛ قاتتىق قايغۇرماق.
يۈرەكنى يېرىپ كۆرسەتمەك؛ سەمىمىي مۇئامىلە قىلماق؛ چىن كۆڭۈل بىلەن مۇئامىلە قىلماق؛ سەمىمىي نىيەتتە بولماق.
يۈرىكى چوڭ، باغرى قاتتىق؛ يۈرەكلىكھەم قارام.
يۈرىكى يېرىلغۇدەك قورقۇپ كەتمەك؛ قورقۇپ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتمەك؛ قورقۇپ ئالاقزادە بولۇپ كەتمەك.
يۈز ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا، بىر كۆرگەندىن ئىشلەپ باققان ئەلا.
يۈزە تەسۋىرلىمەك؛ ئاغزىنىڭ ئۇچىدىلا ئېيتىپ قويماق.
يۈزەلا دەپ قويماق؛ ئاغزىنىڭ ئۇچچىدىلا سۆزلەپ قويماق.
يۈز چاقىرىم يولنىڭ توقسان چاقىرىمنى بېسىپ بولغانلىق ئۇنىڭ يېرىمىنى بېسىپ بولغانلىقتۇر؛ ئىش ئاخىرلاشقانسېرى قىيىنلىشىدۇ.
يۈز-خاتىرە قىلمايدىغان؛ ئادىل؛ خالىس.