ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئاجايىپ يىللار؛ قاينام-تاشقىنلىق يىللار.
ئاجراتقىلى بولماسلىق؛ قۇتۇلغىلى بولماسلىق.
ئاجىز كەلمەك؛ ئاجىزلىق قىلماق؛ مۇسابىقىدە تەڭ كېلەلمەسلىك.
ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە يەم بولماق؛ ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەر بوزەك قىلماق.
ئاچارچىلىقتىمۇ ئاشپەز ئاچ قالماس.
ئاچ بۆرىدەك؛ يىرتقۇچ ھايۋاندەك ياۋۇز.
ئاچ بېلىق قارماققا ئاسان ئېلىنار.
ئاچتىم-چاڭقىدىم دېمەي؛ ئىجتىھات بىلەن.
ئاچچىق-تاتلىقنى تېتىغان بىلىدۇ، يىراق-يېقىننى يۈرگەن بىلىدۇ.
ئاچچىق دورا-دەردكە داۋا؛ شىپالىق دورا قېرىق كېلىدۇ. پايدىلىق نەسىھەت قۇلاققا ياقماس.
ئاچچىق دورا كېسەلگە داۋا، قاتتىق گەپ ئىللەتكە (داۋا)
ئاچچىق دورا كېسەلگە داۋا، ياغلىما گەپ ئادەمگە بالا.
ئاچچىقسۇ ئالىدىغان پۇلغا جياڭيۇ ئالما.
ئاچچىقلىغاندىن قورقما، ھىجايغاندىن قورق.
ئاچچىقنى تېتىمىغان ئادەم، تاتلىقنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
ئاچچىقنىڭ تەمىنى تېتىغان ئادەم، تاتلىقنىڭ قەدرىنى بىلەر.
ئاچچىقىنى بېسىۋالالماسلىق؛ غەزەپتىن ئۆزىنى تۇتالماي قالماق؛ دەرغەزەپ بولماق.
ئاچ قالغان ئىت كالتەكتىن قورقمايدۇ.
ئاچ قالغان يولۋاس يەمگە ئېتىلغاندەك؛ ئاچ بۆرە قويغا ئېتىلغاندەك.
ئاچ قالمىغۇچە ئاش قەدرىنى بىلمەس، پىيادە يۈرمىگە ئات قەدرىنى (بىلمەس).