ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
يولۋاس قاناتلانغاندەك؛ يولۋاسقا قانات چىققاندەك.
يولۋاسنى تاغدىن ئايرىماق (بىرەر ھىيلە بىلەن قارشى تەرەپنى ئەپلىك شارائىتتىن مەھرۇم قىلىشقا تەمسىل قىلىنىدۇ) .
يولۋاسنى تاغقا قويۇپ بەرمەك؛ ياۋۇزنى ئەركىگە قويۇپ بەرمەك.
يولۋاسنى تاغقا قويۇۋەتسەڭ، ئۆزۈڭگە بالا تاپىسەن.
يولۋاسنى تاققا قويۇپ بەرمەك؛ ياۋۇزنى ئەركىگە قويۇپ بەرمەك.
يولۋاسنى سىزىمەن.دەپ ئىتقا ئوخشىتىپ قويماق
يولۋاسنىڭ ئاغزىدىن قۇتۇلماق؛ ھايىنىغا قالغان جان.
يولۋاسنىڭ بالىسى يولۋاس.
يولۋاسنىڭ ساغرىسىنى سىلىغىلى بولماس.
يولۋاسنىڭ گېپى چىقسا، رەڭگى ئۆچۈپتۇ؛ جىننىڭ گېپى چىقسا، جېنى چىقىپتۇ.
يولۋاسنىڭمۇ مۈگىدەيدىغان ۋاقىت بولار.
يولۋاسنىڭ ئۇۋىسىغا كىرمەي تۇرۇپ، يولۋاس بالىسىنى تۇتقىلى بولماس؛ جاندىن كەچمىگۈچە، جانانغا يەتكىلى بولماس.
يولۋاس ۋەھشىي بولسىمۇ، ئۆز بالىسىغا قەست قىلماس.
يولۋانىڭ ساغرىسىنى سىلاش ئۈچۈن ئاۋۋال خۇيىنى بىل.
يولى باشقا، مەنزىلى بىر؛ ئۇسۇلى باشقا، نەتىجىسى بىر.
يولىغا قاراپ كۆزى تىشىلگۈدەك بولماق؛ تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەك؛ يولىغا قاراپ كۆزى تۆت بولماق؛ ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەك.
يولى يولىغا، قۇرى قۇرىغا كەلمەك؛ تەرتىپلىك بولماق؛ ئەينەن تەسۋىرلىمەك.
يۇرتنى تۈزەيدىغىنىمۇ بەگ، بۇزىدىغىنىمۇ بەگ.
يۇرتىدىن باش ئېلىپ چىقىپ كەتمەك؛ مۇساپىر بولماق؛ يۇرتىدىن ئايرىلىپ سەرسان بولماق.
يۇرتىدىن كۆچۈپ كېتىشنى ئېغىر ئالماق؛ يۇرتىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەسلىك .