ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
يەرگە تەر تۆكسەڭ، كاتقا ئاش تۆكىسەن.
يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولماق؛ ئۆزىنى قويغۇدەك يەر تاپالماي قالماق.
يەرنى گوللىساڭ، يەر سېنى گوللايدۇ.
يەر ھەيدىسەڭ كۈز ھەيدە، كۈز ھەيدىمىسەڭ يۈز ھەيدە.
يەرۇ ئاسماننى قاپلاپ كەتمەك؛ يەر-جاھاننى قاپلاپ كەتمەك.
يەكچەشمىنىڭ شەھىرىگە بارساڭ، بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال.
يەككە-يېگانە بولۇپ قالماق؛ يېتىم بولۇپ قالماق؛ يېتىمسىرەپ قالماق؛ يالغۇز قالماق؛ تەنھا قالماق.
يەككە-يېگانە؛ تىكەندەك يالغۇز.
يەككە-يېگانىلىق؛ تەنھالىق؛ يالغۇزلۇق؛ غېرىبسىنىپ قالماق.
يەڭگىللەپ سەپكە ئاتلانماق؛ سەپكە يەڭگىل ئاتلانماق.
يەڭنى شىمايلاپ، تەق بولماق.
يەلكەن تەييار، شامال كەم، ھەممە تەييار، تۇتۇرۇق كەم؛ ئاساسىي تەييارلىقلار پۈتۈپ، بىرلا ئىشقا قاراشلىق بولۇپ قالماق.
يەلكىسىدىن ئېغىر يۈكنى ئېلىپ تاشلىغاندەك؛ ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك؛ غەمدىن خالاس بولماق.
يەنە دېسە يەنە شۇ؛ كونا گەپ؛ كونا گەپنى دەۋەرمەك.
يەنىلا بۇرۇنقىدەك؛ ئىلگىرى قانداق بولسا، ھېلىمۇ شۇنداق؛ بۇرۇنقى پېتىچە تۇرماق.
يوپۇرماق تۆكۈلسە دەرەخ تۈۋىگە چۈشىدۇ؛ ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار.
يوپۇرماق دەرەخ تۈۋىگە تۆكۈلىدۇ؛ ئات ئايلىنىپ ئوقۇرنى تاپىدۇ.
يوتقانغا قاراپ پۇت ئۇزات.
يوچۇق تېپىپ كىرىۋالماق؛ پۇرسەتتىن پايدىلانماق.
يوچۇن؛ غەلىتە؛ بىر قىسمىلا.