ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئاكاڭ كىمىنى ئالسا يەڭگەڭ شۇ.
ئاكا-ئۇكا بولۇپ ئۆتمەك؛ ئاكا-ئۇكىدەك يېقىن بولۇشماق.
ئاكا-ئۇكىدەك؛ قان قېرىنداشتەك.
ئاڭلاشقا قۇلاق بارماسلىق؛ چىدىغۇسىز؛ دەھشەتلىك.
ئاڭلىغان راست ئەمەس، كۆرگەن راست؛ ئاڭلىغاندىن كۆرگەن ئەۋزەل.
ئاڭلىغانغا ئىشىنىپ كەتمەك.
ئاڭلىغان كۆرگەنگە يەتمەپتۇ؛ ئاڭلىغاندىن كۆرگەن ئەلا.
ئاڭلىغاننى خاتىرىلىۋالماق؛ نېمىنى ئاڭلىسا شۇنى يېزىۋالماق.
ئاڭلىغان يالغان، كۆرگەن راست.
ئاڭلىماسلىققا سالماق؛ قۇلاقنى يوپۇرۇۋالماق؛ ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ پەرۋا قىلماسلىق.
ئالا-بۇلا؛ ئالا-چىپار؛ ئالا-بۇلىماچ.
ئالاق-جالاق بولۇپ كەتمەك؛ ئالاقىزادە بولۇپ كەتمەك.
ئالاقزادە بولۇپ كەتمەك؛ ھودۇقۇپ كەتمەك.
ئالا كۆڭۈللۈك قىلماق؛ دېلىغۇل بولماق؛ ھەمدەم خىياللىق.
ئالاھىدە تەرىپلىمەك؛ كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلماق.
ئالاھىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلماق؛ كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتماق.
ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چال قۇيرۇق.