ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئاغزى-بۇرنى قانغا بويالماق.
ئاغزى بېسىلماي كاسىلدىماق؛ توختىماي جاۋىلدىماق؛ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ۋالاقلىماق.
ئاغزى تۇۋاقلىنىپ قالماق؛ غىڭ قىلالماي قالماق؛ زۇۋانى تۇتۇلماق.
ئاغزىدا كۈلكە-چاقچاق، قوينىدا پالتا-پىچاق.
ئاغزىدا كۈلكە-چاقچاق، قوينىدا پالتا-پىچاق؛ تىلى شېكەر، دىلى زەھەر.
ئاغزىدىمۇ، كۆڭلىدىمۇ قايىل بولماق؛ تولۇق قايىل بولماق.
ئاغزىدىن ئانا سۈتى كەتمىگەن؛ ئاغزىدىن ئوغۇز سۈتى پۇراپ تۇرىدىغان؛ گۆدەك.
ئاغزىدىن چىقىپ كەتمەك؛ ئويلىماي دەپ سالماق؛ دەپ تاشلىماق.
ئاغزىغا سېرىق سۇ كەلمەك؛ كۆزى قىزارماق.
ئاغزىغا كەلگەنچە كاپشىماق؛ ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈمەك.
ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىمەك.
ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىمەك؛ پەلىپەتىش گەپلەرنى قىلماق؛ بىلجىرلىماق.
ئاغزىغا كەلگەننى دەۋەرمەك كەلسە-كەلمەس سۆزلەرۋەرمەك؛ خىيالىغا كەلگەننى بىلجىرلىماق؛ ئاغزىغا باقماسلىق.
ئاغزى قولىقىغا يەتمەك؛ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتمەك.
ئاغزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە، ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە.
ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىماق؛ تىللاپ رەسۋاسىنى چىقارماق.
ئاغزىنى چىڭ تۇتماق؛ قاتتىق سىر ساقلىماق.
ئاغزىنى ئېچىپ ھاڭۋېقىپ قالماق؛ ھاڭ-تاڭ قالغىنىدىن ئاغزى ئېچىلىپ قالماق.
ئاغىزىدا شەھەر ئالماق؛ قەغەز ئۈستىدە جەڭ قىلماق؛ قەغەز يۈزىدە قۇرۇق گەپ ساتماق؛ قۇرۇق سەپسەتە؛ بىمەنە پاراڭ.
ئاغىزىنى پېچەتلەپ قويماق؛ سۆزدە ئېھتىياتچان بولماق.