ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا.
ئات ئايلىنىپ ئوقۇرنى تاپىدۇ.
ئات ئايىغان ئات مىنەر، كىيم ئايىغان تون كىيەر.
ئات تاپقۇچە، ئېشەك بولسىمۇ مىنىپ تۇر.
ئاتتىن چۈشۈپ گۈل كۆرمەك؛ ئەھۋالنى تەپسىلى كۆزدىن كەچۈرمەك.
ئات دېسە ئات ئەمەس، ئېشەك دېسە ئېشەك.
ئاتقا سۆرىتىپ ئۆلتۈرمەك؛ پارە-پارە قىلىۋەتمەك.
ئاتقانلىكى ئوقنى نىشانغا تەككۈزمەك؛ ئاتقان ئوقى زايا كەتمەسلىك؛ مۆلچەر دەل جايىدىن چىقماق.
ئاتقان ئوقى زايا كەتمەسلىك؛ ئوقنى نىشانغا تەككۈزمەك.
ئات قېرىسا يول تونار، ئادەم قېرىسا غەرەز ئۇقار.
ئات-كالىدەك ئىشلىمەك؛ (بىراۋغا) قۇلدەك ئىشلىمەك؛ جان-دىل بىلەن خىزمىتىنى قىلماق.
ئاتلار ھۈركۈپ، بايراقلار يىقىلماق؛ تىرىپىرەن بولماق.
ئاتلىق يۈرۈپ گۈل كۆرمەك؛ يۈزە كۈزەتمەك؛ ئۈستىدن قاراپ چىقماق.
ئاتنى توختىتاي دېسەك چۇلۋۇرىدن تۇت.
ئاتنىڭ خۇيى ئۈچ يىلدا بىلنەر.
ئاتنىڭ قىلىقى بالىغا ئەينەك.
ئاتنىڭ ياخشىلىقى ئېگەردە ئەمەس، ئادەمنىڭ گۈزەللىكى كىيىمىدە ئەمەس.
ئات-ھارۋا سانجاق-سانجاق؛ ئادەم مىغ-مىغ.
ئات ئورنىغا ئېشەك باغلىما.
ئات ئۇزاق يولدا سىنىلار، ئادەم ئۇزاق ۋاقىتتا (سىنىلار).