ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
يىلان بولسا پاقىغا كۈن يوق.
يىلاندىن قورقۇپ كەتكەن ئارغامچىدىنمۇ قورقىدۇ.
يىلان سىزىپ، پۇت چىقىرىپ قويماق؛ ئېشەك سىزىپ، مۈڭگۈز چىقىرىپ قويماق؛ پايپاققا نالە قاقماق؛ ئۇشۇقچە ئىش.
يىلانغا ئۇۋال قىلساڭ، بېشىڭغا چىقار.
يىلان كەتسىمۇ ئىزى قالۇر.
يىلاننى ئۆلتۈرمىسەڭ كىشىگە زىيان سالۇر، يولۋاسنى ئۆلتۈرمىسەڭ ئاپەت يىلتىزى قالۇر.
يىلپىزنى تۆشۈكتىن كۆزىتىپ بىر چېتىنىلا كۆرۈپ قالماق؛ قاراش ئەتراپلىق بولماسلىق.
يىلتىز؛ مەنبە؛ ئاساس (مەسىلىنىڭ).
يىلتىزى چوڭقۇر، ئاساسى چىڭ؛ چوڭقۇر يىلتىز تارتماق.
يىلتىزىدىن قۇرۇتماق؛ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىماق؛ يىلتىزىنى قىرقىپ تاشلىماق؛ تۈپ-يىلتىزىدىن يوقاتماق.
يىللاپ-ئايلاپ.
يىلنىڭ ئىشى باھاردىن باشلىنار، كۈننىڭ ئىشى سەھەردىن.
يىلنىڭ ياخشى باشلىنىشى ئەتىيازدا، ھاياتنىڭ ياخشى باشلىنىشى تىرىشچانلىقتا.
يىمىرىلمەس، پۇلاتتەك مۇستەھكەم.
يىمىرىلمەس؛ تەۋرەنمەس.