ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئاچ كۆز قازان بېشىدا ئۆلەر.
ئاچكۆز مۇناپىقلار؛ بالانى كاپ ئېتىدىغانلار.
ئاچ كۆزنىڭ قورسىقى تويسىمۇ، كۆزى تويماس.
ئاچلىقتىن ئىڭرىماق؛ ئېچىرقاپ كەتمەك؛ ئوزۇقلىنىشقا تەلمۈرمەك.
ئاچنىڭ دەردىنى توق بىلمەس.
ئاچ-يالىڭاچلىق؛ ئاچ-يالىڭاچ قالماق.
ئاچ-يالىڭاچلىق؛ ئاچ-يالىڭاچ قالماق
ئاچ-يالىڭاچلىقتىن زارقاقشىماق؛ ئاچ-يالىڭاچلىقتا قالغانلارنىڭ داد-پەريادى.
ئاخىرى نەگە بارىدىكىن؛ ئاقىۋىتى نېمە بولىدىكىن.
ئادالەتنى ياقىلاپ، شەخسىي مەنپەئەتنى قۇربان قىلماق؛ ھەققانىيەتنى دەپ، ئۆز مەنپەئەتىدىن ۋاز كەچمەك.
ئادالەت يولىدا جان پىدا قىلماق.
ئادالەت يولىدا جاننى پىدا قىلماق؛ ھەققانىيەت ئۈچۈن قۇربان بولماق.
ئادالەت يولىدا قوۋم-قېرىداشلىرىدىن كەچمەك؛ ھەققانىيەت يولىدا قوۋم-قېرىنداشلىرىغىمۇ يۈز خاتىرە قىلماسلىق.
ئادالەت يولىدا ھەقنى سۆزلىمەك؛ ھەق گەپ قىلماق.
ئادەتتىكىدەك؛ ھېچبىر قىزىققۇدەك يېرى يوق.
ئادەتتىن تاشقىرى؛ باشقىچە؛ غەيرىي.
ئادەتلىنىپ قالماق؛ كۆنۈپ قالماق؛ ئادەت بولۇپ قالماق.
ئادەتلىنىپ قالماق؛ ئۆگىنىپ قالماق؛ كۆنۈپ قالماق؛ ئادەتتىكى ئىشتەك بولۇپ قالماق.
ئادەم ئادەم بىلەن، گۈل يوپۇرمىقى بىلەن.
ئادەم ئادەمگە مۇھتاج، گۈل يوپۇرماققا.