ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
يۇشۇرۇن ئالماشتۇرماق؛ يالغاننى راست قىلماق.
يۇشۇرۇنغان ئەجدىھا، ئۇخلاۋاتقان يولۋاس؛ كۆمۈلۈپ قالغان تاالنت ئىگىسى؛ كۆزگە چېلىقماي قالغان ئىختىساسلىق ئادەم.
يۇقۇرىغىمۇ چىقالايدىغان، تۆۋەنگىمۇ چۈشەلەيدىغان بولماق.
يۇقۇرى مەرتىۋە-ئۈستۈن مائاش.
يۇقىردا شامال چىقسا، تۆۋەندە بوران چىقار.
يۇقىرى بىلەن تۈۋەننى بىر-بىرىگە باغلىماق.
يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىمۇ داۋاملىق ئىلگىرىلىمەك؛ بارغانسېرى ئۆرلىمەك.
يۇقىرى پەللىگە يەتمەك؛ كامالىغا يەتمەك. ئۇچىغا چىقماق؛ ھەددىدىن ئاشماق.
يۇقىرى-تۆۋەن قاترىماق؛ ئۇيان-بۇيان سوكۇلداپ يۈرمەك.
يۇقىرىدىكىلەرنى ئالداپ، تۆۋەندىكىلەرنى بوزەك قىلماق.
يۇقىرىدىكىلەرنىڭ قىلغىنىنى تۆۋەندىكىلەر دوراپتۇ؛ چوڭلار نېمە قىلسا، كىچىكلەر شۇنى قىلىدۇ.
يۇقىرىغا ھىجىيىپ، تۈۋەنگە ھومايماق.
يۇقىرىنىڭ كۆزىنى بوياپ، تۆۋەننى ئالدىماق.
يۇڭدىماي خام يېمەك؛ ياۋايى ھالەتتە تۇرمۇش كەچۈرمەك؛ بەدەۋى تۇرمۇش.
يۇلتۇز تارقىمىغان چاغ؛ سۈبھى سۈزۈلگەن چاغ.
يۇلتۇزلار ئايغا تىۋىنىدۇ؛ ئەل-جامائەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئېرىشمەك.
يۇلتۇزلاردەك تارالماق؛ شاھمات ئۇرۇقلىرىدەك يېيىلماق؛ كەڭ تارالماق.
يۇمشاق ئارغامچا بىلەنمۇ ۋەھشىي يولۋانى بويسۇندۇرغىلى بولىدۇ.
يۇمشاققا خوپ-خوپ،قاتتىققا ياق-ياق.
يۇمشاق ۋە قاتتىق ۋاستىلەرنى تەڭ ئىشقا سالماق؛ ھەم يۇمشاق، ھەم قاتتىق قوللۇق قىلماق.