ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
يىپ ئۇچى؛ ئىز-دېرەك.
يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك.
يىراق بولسىمۇ تۈز يول ياخشى، چولاق بولسىمۇ ئۆز قول (ياخشى).
يىراقتا تۇرۇپ ھەمكارلاشماق؛ يىراقتا تۇرۇپ ماسلاشماق.
يىراقتىكى بىلەن ئەپلىشىپ، يېقىندىكىگە زەربە بەرمەك.
يىراقتىكى توغقاننىڭ مېھىرى چوڭقۇر بولۇر.
يىراقتىكى سۇدا ئۇسسۇزلۇق قانماس.
يىراقتىكى سۇ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرالماس؛ ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا.
يىراقتىكى سۇ يېقىندىكى ئوتنى ئۆچۈرەلمەس؛ ھېسابتا بار ھەمياندا يوق؛ جانغا ئەسقاتمايدىغان نەرسە.
يىراقتىكى موللام دا موللام. يېقىدىكى موللام جا موللام.
يىراقتىكى ئوغرىنىڭ شېرىكى مەلەڭدە.
يىراق جايلار؛ دۇنيانىڭ چېتى.
يىراق كېلەچەكنى كۆزلەپ قىلىنغان زور ئىش؛ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار پىلان.
يىراقلارغا نەزەر سېلىپ، خۇشال-خۇرام يۈرمەك.
يىراق مەنزىل؛ پارلاق ئىستىقبال.
يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئىش قىلماق ھىيلە-مىكىرلىك..
يىراقنى كۆرمەك.
يىراقنى كۆزلەپ ئىش قىلماق؛ يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزمەك.
يىراقنى كۆزلىمەك؛ يىراقنى كۆزلەپ پىلان تۈزمەك.
يىراق يەرلەرگە كەتمەك؛ يىراق يەرگە قېچىپ كەتمەك.